ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسىنى ئەملەش رېئاكسىيىسى قانچە خىل بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەشتە ئىشلىتىدىغان ۋاكسىنا گەرچە زەھىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ياكى زەھەرسىزلەندۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتىن ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئورگانىزمغا نىسبەتەن قانداقلا بولمىسۇن بىر خىل غەيرىي نەرسە، ئەملەنگەندىن كېيىن ئورگانىزمدا فىزىئولوگىيىلىك، پاتولوگىيىلىك ۋە ئىممۇنولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ رېئاكسىيە جەريانىدا ئىپادىلەيدىغان كلىنىكىلىق ئالامەتلەر ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش رېئاكسىيىسى دېيىلىدۇ. ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش رېئاكسىيىسى نورمال رېئاكسىيە، ئېغىرلاشقان رېئاكسىيە ۋە غەيرىي رېئاكسىيە دەپ بۆلۈنىدۇ، نورمال رېئاكسىيە يەنە يەرلىك ئورۇن رېئاكسىيىسى ۋە پۈتۈن بەدەنلىك رېئاكسىيە دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.