UyghurWiki›نەمە›نېمە ئۈچۈن دۆلىتىمىزدە <جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن كەلگەن> بىر پارچە يەر بار دەيمىز؟
نېمە ئۈچۈن دۆلىتىمىزدە <جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن كەلگەن> بىر پارچە يەر بار دەيمىز؟
نېمە ئۈچۈن
1973 - يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ گېئولوگلىرى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىن بۇنىڭدىن 60 مىليون يىللار ئىلگىرىكى قەدىمكى جانلىقلارنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقىنى بايقايدۇ. ئۇ دەرەخ مايمۇنى خىلىدىكى تۆۋەن دەرىجىلىك سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقى. تەبىئەت دۇنياسىدا، دەرەخ مايمۇنىنىڭ ياشاش دائىرىسى ئىنتايىن تار بولۇپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئورمانلىقلاردا ياشىغان تۇرسا، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقى قانداق بولۇپ جۇڭگودىكى گۇاڭدۇڭغا كېلىپ قالىدۇ؟
ئەسلىدە، 60 مىليون يىللار ئىلگىرىكى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ نەنشيۇڭ رايونى ھازىرقى جۇغراپىيىلىك ئورنىدا ئەمەس ئىدى، بەلكى تىنچ ئوكياننىڭ شەرقىدىكى جەنۇبىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تۇتىشاتتى. يەر پوستى ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ، ئۇ ئاستا - ئاستا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى يەر قاتلىمىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، ئاستېنوسفېرا قاتلىمىدا غەربكە قاراپ لەيلەپ كۆچكەن، ئۇ بىپايان تىنچ ئوكياندىن لەيلەپ ئۆتۈپ، ئاخىرى ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى بۆلىكى بىلەن <بىرىكىپ>، ھازىرقى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان، ئەمەلىيەتتە، دۇنيادا قۇرۇقلۇقنىڭ بۇنداق لەيلەپ كۆچۈشى كۆپ كۆرۈلگەن. خۇددى بۈگۈنكى كۈندىكى ئافرىقا قىتئەسىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقى بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئۆز ئارا <جىپسىلاشقان> ئىزناسىغا ئوخشاش، يۇقىرىقى ئەھۋال نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئۇلارنىڭ تۇتاش ئىكەنلىكىنى، كېيىن يەر پوستى ھەرىكىتى يۈز بەرگەنلىكتىن، چوڭ قۇرۇقلۇقتىن بۆلۈنۈپ، لەيلەپ كۆچۈش ئارقىلىق ئاندىن ھازىرقىدەك يەر قىياپىتى شەكىللەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. گېئولوگلار يەنە شۇنداق كۆرسىتىدۇكى، تىنچ ئوكياندىكى پاسخا بايرىمى ئارىلى ھازىر يەنىلا يىلىغا 15 مىللىمېتىرلىق سۈرئەت بىلەن شەرققە قاراپ لەيلەپ كۆچۈۋاتىدۇ، ئەگەر كۆچۈشى مۇشۇنداق داۋاملاشسا، تەخمىنەن 25 مىليون يىلدىن كېيىن مەزكۇر ئارال جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە قوشۇلۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالىدۇ.