قۇرۇق لۆڭگىدە ئۇۋۇلىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بوۋاقلارنى قۇرۇق لۆڭگىدە ئۇۋۇلىغاندا تۆۋەندىكى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:[HJ55x]
① ئادەتتە بوۋاق بەش - ئالتە ئايلىق بولغاندا ئاندىن قۇرۇق لۆڭگىدە ئۇۋۇلاپ بەرسە بولىدۇ. چۈنكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ۋە كىچىك بوۋاقلارنىڭ تېرىسى يۇمران بولۇپ، قۇرۇق لۆڭگە بىلەن سۈرتۈشنىڭ كۈچلۈكرەك دەرىجىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
② ئۇۋۇلىغاندا ئۆي تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسىمۇ، بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى بەك يۇقىرى بولغاندا بوۋاق ئاسان تەرلەيدۇ، بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسە ئاسان زۇكامدايدۇ. تېمپېراتۇرىنى 20℃ ئەتراپىدا كونترول قىلىش كېرەك.
4. ئىشلىتىدىغان لۆڭگە پاكىز، يۇمشاق بولۇش، بولمىسا بوۋاقنىڭ تېرىسىنى زەخىملەندۈرۈش يەنە يۇقۇملىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن.
5. قۇرۇق لۆڭگىدە ئۇۋۇلىغاندا ھەرىكەت تېز، كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى مۇۋاپىق بولۇش، بوۋاقنىڭ تېرىسىنى زەخىملەندۈرۈپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. قۇرۇق لۆڭگىدە ئۇۋۇلاشنى ئەمدىلا باشلىغاندا، ۋاقتى ئەڭ ياخشىسى ئىككى مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، بوۋاق ئاستا - ئاستا كۆنگەندىن كېيىن بەش مىنۇت ئەتراپىدا ئۇزارتىشقا بولىدۇ.
6. قۇرۇق لۆڭگىدە ئۇۋۇلاش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىللە يەنە يەڭگىل مۇزىكىلارنى قويۇپ قويۇش ياكى بوۋاققا تۆۋەن ئاۋازدا تەسەللى بېرىش، بۇنىڭ بوۋاقنىڭ روھىي ھالىتىنى ئەركىن تۇتۇشقا پايدىسى بولۇپ قالماستىن يەنە ئانا - بالا ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشكىمۇ پايدىلىق