UyghurWiki
UyghurWikiنەمەشەپەرەڭلەرنىڭ ھەممىسىلا ھاشارات يەمدۇ؟

شەپەرەڭلەرنىڭ ھەممىسىلا ھاشارات يەمدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ياز ئاخشاملىرى ئۇياقتىن - بۇياققا ئۇچۇپ ھاشارات تۇتۇپ يەيدىغان غەلىتە بىر خىل ھايۋاننى كۆرۈپ تۇرىمىز. بۇ ھايۋان قۇشقا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئەمما ئۇ قۇش ئەمەس، بەلكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدىكى ئۇچالايدىغان بىردىنبىر كىچىك ھايۋان شەپەرەڭدۇر. بەزىلەر شەپەرەڭلەرنىڭ ھەممىسى ھاشارات تۇتۇپ يەپ جان كەچۈرىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، شەپەرەڭلەرنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تۈرلۈك شەپەرەڭلەرنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بىزگە دائىم ئۇچرايدىغىنى ھاشاراتخور شەپەرەڭ، ئۇ ھەر كۈنى پاشا، پەرۋانە قاتارلىق زىيانداش ھاشاراتلاردىن نۇرغۇنىنى تۇتۇپ يەۋېتىدۇ، شۇڭا ھاشاراتخور شەپەرەڭ پايدىلىق ھايۋان دەپ قارىلىدۇ، ئىنسانلار ئۇنى قوغدىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مېۋە يېيىشكە ئامراق شەپەرەڭمۇ بار، كىشىلەر ئۇنى مېۋىخور شەپەرەڭ دەپ ئاتىشىدۇ. ئەڭ ئاز ئۇچرايدىغان شەپەرەڭ بېلىقخور شەپەرەڭ، ئىلگىرى بىز روئولوگ دەريا بويىدىكى ئورمانلىقتا شەپەرەڭنىڭ بېلىق تۇتۇپ يېگەنلىكىنى كۆرگەن. بىر بېلىقخور شەپەرەڭ دەريانىڭ ئۈستىدە ئۇياقتىن - بۇياققا ئۇچۇپ يۈرگەن، توساتتىن ئىككى پۇتىنى سۇغا تىقىپلا ئۆتكۈر تىرناقلىرى بىلەن بىر بېلىقنى تۇتۇۋالغان. ئەڭ قورقۇنچلۇقى قان شورىغۇچى شەپەرەڭ، ئۇنىڭ چىشلىرى ئۇزۇن ھەم ئۆتكۈر بولۇپ، بەئەينى ئوپېراتسىيە پىچىقىغا ئوخشىشىدۇ، يەنە كېلىپ شۆلگىيىدە قاننىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئوڭۇشلۇق شورىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئالاھىدە بىر خىل خىمىيىلىك ماددا بار. ئۇنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئوبيېكتى ئاساسلىقى كالا، ئات، چوشقا ۋە قۇشلار. لېكىن بەزىدە ئۇخلاۋاتقان ئادەمگىمۇ ھۇجۇم قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە