يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىچى سۈرگەندىكى ئاساسلىق ئىپادىلىرى قايسىلار؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىچى سۈرگەندىكى ئاساسلىق ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپتە كۆرۈلىدۇ:
1. چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىش. يېنىك تىپتىكى ئىچ سۈرۈشتە ھەر كۈنلۈك ئىچ سۈرۈش قېتىم سانى ئون قېتىمنىڭ ئىچىدە، ئېغىر ئىچ سۈرۈشتە بولسا ئون قېتىمدىن نەچچە ئون قېتىمغىچە بولىدۇ.
2. چوڭ تەرەتنىڭ شەكلى ئۆزگىرىش. يېنىك تىپتىكى ئىچ سۈرۈشنى كۆپىنچىسى مۇۋاپىق ئوزۇقلاندۇرماسلىق، ئۈچەي يولى سىرتىدىكى يۇقۇملىنىش، ئۈچەي يولى ئىچىدىكى ۋىرۇس ياكى ئۇشتۇمتۇت تاجاۋۇز قىلمايدىغان خاراكتېرىدىكى باكتېرىيىدىن يۇقۇملىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چوڭ تەرەت سۇيۇق ياكى سۇ بىللە كەلگەن سېرىق ياكى سارغۇچ يېشىل رەڭلىك، مىقدارى كۆپ ئەمەس، ئاچچىق پۇراقلىق، دائىم ئاق ياكى سېرىق ئاق رەڭلىك سۈت پارچىسى ۋە كۆپۈكچىلەر كۆرۈلىدۇ. بەزىدە ئاز مىقداردا شىلمىشىق سۇيۇقلۇق بولىدۇ. ئېغىر تىپتىكى ئىچ سۈرۈش كۆپىنچىسى ئۈچەي يولى ئىچىدىكى يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، چوڭ تەرەت سېرىق يېشىل، سېرىق ياكى سۇس سېرىق رەڭدە، مىقدارى كۆپ، تۇخۇم شورپىسى ياكى سۇدەك بولۇپ، ئاز مىقداردا شىلمىشىق سۇيۇقلۇق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت ئۈچەي يولى ئىچىدىكى ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرلىك باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىچ سۈرۈشتە تەرەت قان يىرىڭلىق كېلىدۇ.
3. پۈتۈن بەدەنلىك ئىپادىسى. يېنىك تىپتىكى ئىچ سۈرۈشكە گىرىپتار بولغۇچىلاردا ئىشتىھاسى تەكشى بولماسلىق، بەزىدە سۈتنى ياندۇرۇۋېتىش ياكى قۇسۇش، تۆۋەن قىزىتما، ئېغىرلىقى ئارتماسلىق ياكى سەل تۆۋەنلەش، ئەمما سۇسىزلىنىش ئەھۋالى بولماسلىق كۆرۈلىدۇ. ئېغىر تىپتىكى ئىچ سۈرۈشكە گىرىپتار بولغۇچىلاردا ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، دائىم قۇسۇش ھەم روشەن سۇ - ئېلېكترولىت قالايمىقانلىشىش، قىزىش قاتارلىق ئىپادىلەر بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھوشسىزلىنىش ھەتتا ئۆلۈش كېلىپ چىقىدۇ.