بوۋاق قىزىپ قالغاندا ئاتا - ئانا نېمىگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بوۋاق قىزىپ قالغاندا ئاتا - ئانا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:
1. بوۋاققا پات - پات سۇ ئىچكۈزۈپ تۇرۇش. قىزىغاندا بەدەندىن تەر كۆپ چىقىپ بەدەندە سۇ كەمچىللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە سۈيدۈك مىقدارى ئازلاپ بەدەننىڭ كېرەكسىز ماددىلارنى ئالماشتۇرۇپ چىقىرىۋېتىشىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا سۇ تولۇقلاش ئىنتايىم مۇھىم.
2. يېمەكلىك ئاسان ھەزىم بولىدىغان بولۇشى كېرەك. قىزىغاندا سۇيۇق - سەلەڭ يېمەكلىكلەر ئاساس قىلىنىشى مەسىلەن: سۈت تۈرىدىكىلەر، گۈرۈچ ئۇمىچى، مېيى ئاز بولغان گۆش شورپىسى قاتارلىقلار. تۇخۇم ۋە مايدا قورۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ. شۇنداقلا ئاز - ئازدىن كۆپ قېتىم ئوزۇقلىنىشى كېرەك.
3. ئەگەر قىزىتمىدا ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش بىللە كەلسە لېكىن كېسەللىك ئالامىتى يېنىكرەك بولسا ئاز - ئازدىن كۆپ قېتىم سۇيۇقلۇق ياكى شېكەرلىك تۇز سۈيى قاتارلىقلارنى ئىچكۈزۈش.
4. بوۋاقنى كۆپرەك ئارام ئالدۇرۇش. يېڭى مېۋە، كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېگۈزۈش ئارقىلىق ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنى تولۇقلاش.
5. يۇقىرى قىزىتما بولغاندا يەنە بوۋاقنىڭ كۆزىنى قوغداشقا دىققەت قىلىش كېرەك.