UyghurWiki›نەمە›يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ئوكسىگېن قان كەملىك مېڭە كېسىلىنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار؟
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ئوكسىگېن قان كەملىك مېڭە كېسىلىنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ئوكسىگېن قان كەملىك مېڭە كېسىلى ھەرخىل تۇغۇلۇشنىڭ كەينىدىكى ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوكسىگېن كەملىك ۋە مېڭە قان ئېقىم مىقدارى ئازلاش ياكى ۋاقىتلىق توختاشتىن كېلىپ چىققان تۆرەلمە ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار مېڭىسىنىڭ زەخىملىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئاي - كۈنى توشقان بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تۇنجۇقۇشىدىن كېيىنكى ئەگەشمە كېسەللىك. ئېغىر دەرىجىدە گىرىپتار بولغۇچى بوۋاق ھايات قالغاندىن كېيىن مېڭە پالىچى، ھەرىكەت تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، تۇتقاقلىق قاتارلىق نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىك ئاسارىتى قالىدۇ. ئاساسلىق ئىپادىسى تۇغۇلۇپ 12 سائەت ئىچىدە كۆرۈلىدۇ. ئاڭ توسالغۇغا ئۇچراش مەسىلەن: ھەدىدىن زىيادە روھلىنىش، ئۇيقۇخۇمارلىق، ئېغىر ئۇيقۇ، ھۇشىنى يوقىتىش، مۇسكۇل تەرەڭلىكى تۆۋەنلەش؛ دەسلەپكى رېفلېكس مەسىلەن: شوراش رېفلېكىسى، قۇچاقلاش رېفلېكىسى جانلىنىش، ئاجىزلىشىش ياكى يوقاش؛ ئوتتۇرا ئېغىر دەرىجىدە گىرىپتار بولغۇچى بوۋاقتا دۆلىنىش، نەپەسلىنىشى تەرتىپسىز بولۇش، نەپەسلىنىش ئاستىلاش، نەپەسلىنىش ۋاقىتلىق توختاش قاتارلىق مەركەز مەنبەلىك نەپەس زەئىپلىشىشنىڭ ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ.