نېمە ئۈچۈن جەنۇبىي قۇتۇپ يۇلتۇزى يوق؟
نېمە ئۈچۈن
شىمالىي يېرىم شاردا ياشايدىغان كىشىلەر شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنى كۆرەلىسىلا، دەل شىمال تەرەپنى تاپالايدۇ. نامى مەشھۇر شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى <كىچىك ئېيىق يۇلتۇزلار تۈركۈمىدىكى α يۇلتۇز> دىن ئىبارەت، ئۇ شىمالىي ئاسمان قۇتۇپىغا ناھايىتى يېقىن بولۇپ، ئارىلىقى بىر گرادۇسقىمۇ يەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەنە ئىككىنچى دەرىجىلىك يورۇق يۇلتۇز بولغاچقا، تەبىئىي رەۋىشتە شىمالىي ئاسمان قۇتۇپىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان. ئۇنداقتا، بىر دانە جەنۇبىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنى تېپىپ ئۇنى جەنۇبىي ئاسمان قۇتۇپىنىڭ بەلگىسى قىلىشقا مۇمكىن بولماسمۇ؟
جەنۇبىي ئاسمان قۇتۇپىدا بىر جەنۇبىي قۇتۇپ يۇلتۇزلار تۈركۈمى بار. ئەپسۇسكى، جەنۇبىي قۇتۇپ يۇلتۇزلار تۈركۈمىدىكى يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن خىرە بولۇپ، كۆپ ساندىكىلىرى ئاددىي كۆز بىلەن ئارانلا كۆرگىلى بولىدىغان ئالتىنچى دەرىجىلىك يۇلتۇزلاردىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى <جەنۇبىي قۇتۇپ σ يۇلتۇزى> نىڭ جەنۇبىي ئاسمان قۇتۇپى بىلەن بولغان ئارىلىقىمۇ بىر گرادۇسقا يەتمەيدۇ، ئۇنىڭ بۇ يېرى شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى ئارانلا 5.48 بولغاچقا، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئالاھىدە ياخشى كىشىلەرلا ناھايىتى تەسلىكتە ئۇنى كۆرەلەيدۇ. مۇنداق بىر يۇلتۇز <جەنۇبىي قۇتۇپ يۇلتۇزى> بولۇشتەك ئېغىر ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ، ئەلۋەتتە. جەنۇبىي قۇتۇپ يۇلتۇزلار تۈركۈمىدىكى ئەڭ يورۇق يۇلتۇز - <جەنۇبىي قۇتۇپ υ يۇلتۇزى> نىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى 3.74 بولۇپ، ئۇنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنىڭكىدىن كۆپ تۆۋەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ جەنۇبىي ئاسمان قۇتۇپىدىن 12.5° يىراقلىقتا بولغاچقا، ئۇمۇ <جەنۇبىي قۇتۇپ يۇلتۇزى> تەختىدە ئولتۇرالمايدىغاندەك قىلىدۇ.
گەرچە ھازىرچە تېخى بىرەر يۇلتۇزمۇ <جەنۇبىي قۇتۇپ يۇلتۇزى> دېگەن تاجنى كيىمىگەن بولسىمۇ، ئەمما كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسىغا لايىق كەلگۈدەك بىر نامزات بار، ئۇ بولمىسىمۇ پۈتۈن ئاسمان بويىچە ئىككىنچى يورۇق يۇلتۇز - كانوپۇس. يەنى <كارىنا α> دىن ئىبارەت. كۈنلەرنىڭ بىرىدە كانوپۇس پرېتسېىسىيە ھادىسىسى سەۋەبىدىن تەدرىجىي ھالدا جەنۇبىي ئاسمان قۇتۇپىغا يېقىنلىشىپ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق جەنۇبىي قۇتۇپ يۇلتۇزىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. بىراق، ئۇ چاغدا شىمالىي ئاسمان قۇتۇپىدا تۇرغىنى <كىچىك ئېيىق α يۇلتۇزى> بولمايدۇ، خالاس.