نېمە ئۈچۈن قۇشلارنىڭ ئەركىكى چىشىسىدىن چىرايلىق بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
كۆپ ساندىكى قۇشلارنىڭ ئەركىكىنىڭ پەيلىرى چىرايلىق چىشىسىنىڭ پەيلىرى بولسا سىدام بولىدۇ. قىرغاۋۇلنى مىسالغا ئالساق، ئەركىكىنىڭ كۆزى ئوتقاشتەك قىزىل، بوينىدا چەمبەرسىمان كۈمۈش پەيلىرى، قورسىقىدا بېغىر رەڭ، بېلىدە ھاۋارەڭ پەيلىرى، قۇيرۇقىدا ئالاھىدە ئۇزۇن بىر نەچچە تال سېرىق قوڭۇر پېيى بار. چىشىسى بولسا ناھايىتى سىدام بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىدە ئانچە - مۇنچە قارا ئارىلاشقان توپا رەڭ پەيلىرىلا بار.
نېمە ئۈچۈن قۇشلارنىڭ ئەركىكىنىڭ پەيلىرى ئالاھىدە چىرايلىق بولىدۇ؟ قۇشلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى <بىر ئەرگە كۆپ خوتۇن> لۇق تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولغاچقا، چىرايلىق پەيلەر ئەركەك قوشلارنىڭ چىشى قۇشنى جەلىپ قىلىشىدا تولىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. قۇشلارنىڭ ئەركەكلىرى چىرايلىق تاشقى قىياپەتكە ئىگە بولغاندىلا، تېخىمۇ كۆپ جۈپتىلىرىغا ئىگە بولالايدۇ.
قۇشلارنىڭ چىشىلىرىنىڭ سىدام بولۇشىنىڭمۇ ئاساسى بار. چۈنكى كۆپ ساندىكى قۇشلارنىڭ چىشىلىرى تۇخۇم بېسىش ۋە بالىلىرىنى بېقىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان بولغاچقا، ئۇزۇن ۋاقىت ئۇۋىسىدا مىدىر قىلماي تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر پەيلىرى بەكلا چىرايلىق بولۇپ كەتسە، ئۆزىنى ئاسانلا ئاشكارىلاپ قويىدۇ - دە، دۈشمىنىنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. سىدام پەيلىرى كۆزگە ئانچە چېلىقىپ كەتمىگەچكە مۇھىت بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ ئۆزىنى ناھايىتى ئوبدان يوشۇرۇپ بالىلىرىنى خاتىرجەم بېقىشقا پايدىلىق.
قىسقىسى، كۆپ ساندىكى قۇشلارنىڭ ئەركىكى چىشىسىدىن چىرايلىق بولىدۇ. بۇ قۇشلارنىڭ جورا ئىزدەش ۋە ئەۋلاد قالدۇرۇش ئادىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بۇ ھەم ئۇزاق مۇددەتتىن بۇيان مۇھىتقا ماسلىشىشنىڭ نەتىجىسىدۇر.