مېترو قانداق ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە؟
نېمە ئۈچۈن
شەھەرلەردىكى قاتناش قىستاڭچىلىقى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەنئەنىۋى يەر ئۈستى قاتناش ترانسىپورتىنىڭ يۆتكەش مىقدارى ئاز، سۈرئىتى ئاستا بولغاچقا، زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان قاتناش ئېھتىياجىغا ماسلىشالمايۋاتىدۇ شۇڭلاشقا، شەھەر قاتنىشى بوشلۇققا، ياكى يەر ئاستىغا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مېترو كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىماقتا.
شەھەر مېترولىرىغا ئادەتتە يەر ئاستى تونىل شەكلى قوللىنىلىدۇ، تونىل يەر يۈزىدىن 02 - 30 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا بولىدۇ. مېترولار شەھەر رايونىدىن چىققاندىن كېيىن يەر ئاستىدىن يەر ئۈستىگە چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەر ئۈستى قاتنىشى بىلەن يەر ئۈستى قاتنىشى ئۆزئاتا تۇتىشىدۇ.
مېترو قاتنىشى مەخسۇس لىنىيىلىك ترانسىپورتقا تەۋە بولۇپ، ئېگىز بىنا، مەيدان ۋە دەريا - ئۆستەڭلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. مېترونىڭ ترانسىپورت مىقدارى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ئادەتتە ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارنىڭ يەتتە - ئون ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ؛ مېترونىڭ سۈرئىتى تېز، قاتنىشى راۋان بولۇپ، يەر ئۈستى ئاپتوموبىللىرىنىڭ سۈرئىتىدىن ئىككى - ئۈچ ھەسسە تېز؛ مېترودا بۇلغىنىش بولمايدۇ. ئېلېكتر ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان بولغاچقا مېترولاردا ھاۋانى بۇلغاش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس. مېترونىڭ بېلەت سېتىش، بېلەت تەكشۈرۈش ئىشلىرى ئاپتوماتىك بولۇپ، يولۇچىلارنىڭ بېكەتكە كىرىپ - چىقىش، مېتروغا چىقىش - چۈشۈش تەرتىپى يۈكسەك دەرىجىدە ئاددىيلاشتۇرۇلغان. پويىزنىڭ توختاش، قوزغىلىش ۋە پۈتكۈل ھالىتى مەركىزىي كونترول بۆلۈمىدىن كومپيۇتېر ئارقىلىق ئاپتوماتىك قوماندانلىق قىلىش بىلەن ئىلىپ بېرىلىدۇ. بەزى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرمېتروغا شوپۇرسىز ھەرىكەتلىنىدىغان تېخنىكا ۋە يۈكسەك دەرىجىدە ئاپتوماتلاشقان ئىلغار باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قوللانغان بولۇپ، پويىز كومپىيۇتېر تورى ئارقىلىق يىراقتىن كونترول قىلىنىدۇ. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە قەۋەتلىك، كۆپ يۆنىلىشلىك مېترو تورى قۇرۇلغان. مېترو ئەسلىھەلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشى شەھەر قاتنىشىنىڭ زامانىۋىلىشىشىدىن مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
يېقىن كەلگۈسىدە ئاۋازدىن تېز ماڭىدىغان يېڭى تىپتىكى مېترو ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. بۇنداق مېترو پويىز ۋاكۇئۇم تونىلىدا يۈرىدىغان بولغاچقا، يۈرۈش سۈرئىتى يۈكسەك دەرىجىدە تېز بولىدۇ.