UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاقلار يېڭى تۇغۇلۇپ ئىككى ھەپتە ئىچىدە قىزىلئۆڭگەچ كېڭىيىش مۇسكۇلىنىڭ بېسىمى تۆۋەن، ئاشقازان مۇسكۇل قەۋىتىنىڭ يېتىلىشى ئاستا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشقازان تەكشى ھالەتتە بولغانلىقتىن ئاسانلا سۈتنى قۇسۇۋېتىش ياكى چىقىرىۋېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش يولى نىسبەتەن چوڭ، ئۈچەينىڭ ئومۇمىي ئوزۇنلۇقى بەدەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ سەككىز ھەسسىسىگە دېگۈدەك باراۋەر بولۇپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈشكە ئىنتايىن پايدىلىق ھەمدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۈچەي دىۋارى نېپىزراق بولۇپ، ئۆتكۈزۈشچانلىقى بىر ئاز يۇقىرى، ئانا سۈتىدىكى ئىممۇنىتېتلىق گلوبۇلىننى سۈمۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئەمما ئۈچەي يولىدىكى توكسىن، ياخشى ھەزىم بولمىغان ئېشىندى ماددىلارمۇ ئاسانلا قان ئايلىنىشقا كىرىپ، زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نورمال تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئامىلوپىسىندىن سىرت، قالغان ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرى ئاقسىل ۋە ماينى ھەزىم قىلىشقا يېتەرلىك، ئەمما بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرىنى ئاجرىتىپ چىقىرىشى يېتەرسىز بولغانلىقتىن، ماينى ھەزىم قىلالمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ماينىڭ ھەزىم قىلىنىپ سۈمۈرۈلۈشى ناچارراق. ئەگەر ئوزۇقلاندۇرۇش مۇۋاپىق بولمىسا ئاسانلا ئىنچىكە ئۈچەي، بوغماق ئۈچەي ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە