ھامىلىدار ئاياللار ئادەمگىياھ ئىستېمال قىلسابولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئادەمگىياھ ساپونىنى بولسا ئادەمگىياھنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، ئۇ بەدەن فۇنكسىيىسىنى تەڭشەش، ئورگانىزمنىڭ نورمال ھالىتىنى ساقلاش رولىغا ئىگە. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەمگىياھ ساپونىنى ساپ قاپارتما ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش رولىغا ئىگە، ئادەمگىياھ يەنە ئوكسىگىن كەم بولۇش، قان قويۇقلىشىش، مىكرو ئايلىنىشنى ياخشىلاش، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ تارىيىش كۈچىنى كۈچەيتىش قاتارلىق روللارغا ئىگە. ھامىلىدار ئاياللار مۇۋاپىق تۈردە ئىستېمال قىلسا، سالامەتلىككە پايدىلىق. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، (ھامىلىدار بولۇپ 12 ئاي ئىچىدە) كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ئوڭايلا زۇكام، سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسى يۇقۇملىنىش قاتارلىق كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ. بۇ باسقۇچ تۇخۇملارنىڭ بىرىكىش ئەزالىرى شەكىللەنگەن باسقۇچ بولۇپ، سىرتقى دۇنيانىڭ ناچار ئامىللىرىنى، تەسىرىنى تېز قوبۇل قىلىپ، ھامىلىنىڭ غەلىتە بولۇشى ياكى بويىدىن ئاجراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ئادەمگىياھنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلسا، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ. يەنە ئىشتىھانى ياخشىلايدۇ، ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، قان پلازمىسى تالا ئاقسىلى ئاساسى ۋە شار ئاقسىلى مىقدارىنى كۆپەيتىپ، قان سۇيۇقلۇقىنى تەڭشەيدۇ. بولۇپمۇ ھامىلىدارلىق يۇقىرى قان بېسىم سىندرومىغا گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ بېسىم مىقدارى كۆپىيىپ، قان چۆكۈش تېزلىكى ئېشىپ كېتىپ، قان قېتىش ھالىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەمگىياھ كۆرۈنەرلىك ھالدا قان قېتىشىش ھالىتىدىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ. يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ تارىيىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار ئادەمگىياھ ئىستېمال قىلسا، سالامەتلىككە پايدىلىق. جۇڭيى تېبابەت نەزەرىيىسى بويىچە، ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئاياللارنىڭ مۇئەننەس قان سۇيۇلۇپ، مۇزەككەر قان كۈچىيىپ كېتىدىكەن. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قىزىل ئادەمگىياھنى ئىستېمال قىلسا مۇۋاپىق بولۇپ، ئىسسىقچان كىشىلەر قۇرۇتۇلغان ئادەمگىياھنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا، كېيىنكى مەزگىلىدە، ئەگەر كۆرۈنەرلىك ئىششىش، بىرەر ئىشتىن كېيىن نەپەس قىسىلىش ھادىسىسى كۆرۈلسە، قىزىل ئادەمگىياھنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ئىسسىقچان كىشىلەر يەنە غەرب ئەللىرى ئادەمگىياھىنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. قىزىل ئادەمگىياھ، غەرب ئادەمگىياھنىڭ ئىشلىتىش مىقدارى ئۈچ گرامدىن بەش گرامغىچە، خام ھالەتتە قۇرۇتۇلغان ئادەمگىياھدىن 10 گرامدىن 15 گرامغىچە ئېلىپ، 45 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم ئىشلەتسە پايدىلىق. ھەر ئايدا ئىككى قېتىمدىن ئۈچ قېتىمغىچە ئىشلەتسە بولىدۇ، ئادەمگىياھنى ئىستېمال قىلغاندا، ئاق تۇرۇپ ۋە چاي قاتارلىقلاردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. (چاينى ئاز مىقداردا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ) بۇنىڭدىن باشقا ئادەمگىياھنىڭ قان قېتىشىشقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بولۇپ، كۆزى يورۇش ئالدىدا ياكى كۆزى يورۇغاندا ئىستېمال قىلماسلىق، تۇغۇتتىن كېيىن قان كۆپ كېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. باشقا ئادەمگىياھلارنى تەڭشەپ ياسالغان نەرسىلەر بىلەن ئىستېمال قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىش، ئەگەر باش ئاغرىش، باش چىڭقىلىش، قىزىش، تىلى قېلىنلىشىش قاتارلىق ھادىسىلەر كۆرۈلسە، ئىستېمال قىلماسلىق. ئەگەر ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ئۇيقۇسىزلىق، دېمى سىقىلىش، قورساق كۆپۈش، قىچىشىش، بۇرۇن ياللۇغى قاتارلىق ھادىسىلەر كۆرۈلسە ئىستېمال قىلىشنى توختىتىش كېرەك.