ھامىلە تەربىيىسى جەريانىدا دادىنىڭ قانداق رولى بار؟
نېمە ئۈچۈن
ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى خىزمەت، ئۆگىنىش، ئائىلە، جەمئىيەت قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىشلارنى داۋاملىق ئۆز ئۈستىگە ئالغاندىن سىرت، يەنە يېڭى ھاياتلىقنى تەربىيىلەش ۋەزىپىسىدىن ئىبارەت ئىككى خىل مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شەك - شۈبھىسىزكى ئۇنىڭدا روھىي جەھەتتە، پسىخىكا جەھەتتە، فىزىئولوگىيە جەھەتتە، جىسمانىي كۈچ ۋە بەدەن شەكلى جەھەتتە غايەت زور ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئەگەر ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كەيپىياتى تۆۋەن، تۇراقسىز بولسا، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن غەيرىي نورمال بولمايدىغان تەقدىردىمۇ پەقەت بېقىشتا قىينىلىنىدۇ، ئەقلىي قابىلىيىتى تۆۋەن، مىجەزى غەلىتە، ئوڭاي ھاياجانلىنىدىغان ۋە زىيادە پائالىيەتچان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئەر ئايالغا بولغان كۆيۈنۈش، غەمخورلۇقنى كۆپەيتىپ، ئايالىنى ئائىلىدە ئىللىق كەيپىياتقا ئىگە قىلىپ، ئايالى ئىمكانقەدەر غەزەپلىنىش، چۈچۈش، قورقۇش، تىت - تىت بولۇش قاتارلىق ناچار كەيپىياتلاردا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئايالىدا ياخشى كەيپىيات، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە تولۇپ - تاشقان ھامىلىدارلىق مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش شۇنداقلا، ئايالىنىڭ سول تەرەپنى بېسىپ يېتىشىغا دىققەت قىلىپ، كۈچلۈك سىلكىنىش ۋە شاقۇن - سۈرەندىن ساقلىنىپ، ھامىلىنىڭ توشقان كالپۇك، يېرىق تاڭلاي قاتارلىق غەيرىي شەكىلدە بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەر كىشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئائىلە ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئايالىنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، زۇكامدىن ساقلىنىش. بولۇپمۇ يەلتاشما قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىپ، ھامىلىنىڭ غەيرىي نورمال بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئايالىغا مۇۋاپىق بولغان ئوزۇقلۇقنى بېرىش كېرەك. ئەگەر ھامىلە شەكىللىنىۋاتقان ھالقىلىق مەزگىلدە (ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى، ئوتتۇرا مەزگىلى) ئوزۇقلۇق كەمچىل بولسا، ھامىلىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. بولۇپمۇ مېڭىنىڭ يېتىلىشىگە غايەت زور تەسىر يەتكۈزىدۇ. يەنە دائىم بويىدىن ئاجراش، بالدۇر تۇغۇش، ھامىلە ئۆلۈش، غەيرىي نورمال بولۇش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. كۆپلىگەن ھامىلىدار ئاياللار سېزىكلىك مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقاندا، ئەر ئايالىنىڭ كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق قىيىنچىلىقىنى يېڭىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ ھەم تاماق يېيىشنى داۋاملاشتۇرۇشىغىمۇ ئىلھام بېرىپ، ئاز - ساز يېيىش، يېمەك - ئىچمەكتە مايلىق نەرسىلەردىن چىقىپ قېلىشقا ساقلىنىشقا دىققەت قىلىپ، ئاقسىل، كاربون - سۇ بىرىكمىلىرى، ۋىتامىن مول بولغان يېمەكلىكلەرنى تاللاپ يېيىشكە رىغبەتلەندۈرۈش. مەسىلەن: كالا سۈتى، پۇرچاق قىيامى، تۇخۇم، كۆكتات، مېۋە قاتارلىقلار، ئەر يەنە ئاكتىپلىق بىلەن ئايالىنىڭ ھامىلە تەربىيىسىنى ئېلىپ بېرىشقا بولغان تىرىشچانلىقىنى قوللىشى ۋە قاتنىشىشى كېرەك. مەسىلەن: ئايالىغا ھەمراھ بولۇپ، ھامىلە بىلەن <ئويناش>. ھامىلىگە ھېكايە ئېيتىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى ۋە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى ھامىلىگە تەسۋىرلەپ بېرىشى كېرەك. بۇنىڭدىن ھامىلە ئۆزىنىڭ دادىسىنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ، بىخەتەر ۋە ئىشەنچ تۇيغۇسىغا تولىدۇ