UyghurWiki›نەمە›بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەك ك]قوشۇپ بېرىشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەك ك]قوشۇپ بېرىشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان چاغدىكى بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكرەك بولىدۇ. ئاشۇ بەدەن ئېغىرلىقى 5.2 مىڭ گرامغا يەتمىگەن بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن، تۇغۇلغاندا ئانا تېنىدىن قوبۇل قىلىدىغان <بايلىق> سەل ئاز، بولۇپمۇ تۆمۈرنىڭ ساقلىنىش مىقدارى تېخىمۇ ئاز. تۇغۇلۇپ تۆت ئاي ئىچىدە، بوۋاقنىڭ تۆمۈرگە بولغان سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ناچارراق، گەرچە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلىغان ھالەتتىمۇ بەدەندىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى يەنىلا ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. شۇڭا قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ بەرگەندە، تۆمۈرنىڭ تولۇقلىنىشىغا بەكرەك دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋاملىق تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاش زۆرۈر. بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىزراق بولغانلىقتىن، يەنە ئاز - ئازدىن كۆپ قېتىم تاماق بېرىشكە دىققەت قىلىش، بوۋاقنىڭ ئىشتىھاسى قانچە ياخشى بولۇشىدىن قەتىئىينەزەر، ھەرگىزمۇ بوۋاققا بىر قېتىمدىلا بەك كۆپ نەرسە بەرمەسلىك، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئالتە ئايلىقتىن ئاشقاندا، بوۋاقنىڭ تۆمۈرگە بولغان سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ئاشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا تۆمۈر تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يەنى كىچىك راكلار، قۇرۇتۇلغان سۆسۈن يېسىۋىلەك قاتارلىقلارنى تاللاش، ئۇلارنى ئۇماچقا سېلىپ يۇمشاق پىشۇرغاندىن كېيىن بوۋاققا بېرىش. بۇ يېمەكلىكلەرنى بوۋاقلارغا بىر ياش ئەتراپىغىچە بېرىشكە بولىدۇ.