UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلار نېمىشقا كېچىدە ئويغىنىپ كېتىدۇ؟

بالىلار نېمىشقا كېچىدە ئويغىنىپ كېتىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى، بالىلارنىڭ ئاشقازان سىغىمچانلىقى چوڭ بولمايدۇ، پەقەت بىر قېتىملا ئېمىتسە بالا تويىدۇ، سۈتمۇ ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەزىم قىلىنىپ چىقىرىلىدۇ. شۇڭا، بالىلارنىڭ كېچىدە ئويغىنىپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى قورسىقى ئېچىپ كەتكەنلىكىدۇر. بالىلارنىڭ پات - پات ئويغىنىپ كېتىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، بالىلارنىڭ ئۇخلاش تەرتىپى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، ئۇخلاشنىڭ ئىككى ئاساسىي باسقۇچى بولىدۇ، قاتتىق ئۇخلاش ۋە سەگەك ئۇخلاش. بالىنىڭ يېشى كىچىك بولسا، سەگەك ئۇخلاش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. بالىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىمۇ سەگەكلىكتىن قاتتىقلىققا، يەنە سەگەكلىككە قاراپ ماڭىدۇ، بالىنىڭ ئاستا - ئاستا چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، قاتتىق ئۇخلاش نىسبىتى يۇقىرى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. بۇ خىل بالىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئۆسۈشىگە زور پايدىلىق، سەگەك ئۇيقۇ چوڭ مېڭە گۇرۇپپىلىرىنى قوزغىتىپ، بالىنى پات - پات ئويغىنىپ، كېچىدە تېخىمۇ كۆپ ئېمىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئانىنىڭ سۈت ئاجرىتش سەۋىيىسىمۇ كېچىدە يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ، كېچىدە بالا ئېمىتىش يەنە ئانىنىڭ كۆكسى چىڭقىلىش جاپاسىنى ھەل قىلىدۇ. شۇڭا، جەزملەشتۈرۈپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، كېچىدە بالا ئېمىتىش ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىش جەريانىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ھالقا بولۇپ، ئانا - بالىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلار نېمىشقا كېچىدە ئويغىنىپ كېتىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki