UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقورۇما قورۇغاندا ۋە تەمىنى تەڭشىگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

قورۇما قورۇغاندا ۋە تەمىنى تەڭشىگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن كۆپرەك سكۆكتات بولسا بالىلارنىڭ ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار ۋە تالالىق ئېلېمېنتلارنى قوبۇل قىلىشدىكى ئاساسلىق مەنبە، بىراق ۋىتامىن قورۇما قورۇش ۋە تەمىنى تەڭشەش جەريانىدا ناھايىتى ئوڭايلا يوقاپ كېتىدۇ. شۇڭا، كۆكتاتلارنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنى ئىمكانقەدەر ساقلاپ قالغان ئاساستا، قورۇما قورۇغاندا ۋە تەمىنى تەڭشىگەندە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك: 1. كۆكتاتلارنىڭ يېڭىسىنى سېتىۋېلىش ۋە سېتىۋالغان ھامان ئىستېمال قىلىش كېرەك، چۈنكى كۆكتات ئۇزۇن تۇرۇپ كەتسە، ۋىتامىنلار ئوكسىدلىنىش تەسىرىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. 2. ئاۋۋال پاكىز يۇيۇپ، ئاندىن توغراش. چۈنكى ۋىتامىن C سۇدا ئوڭاي ئېرىيدۇ ھەم خىمىۋىيلىكى مۇقىم ئەمەس. شۇڭا توغراپ بولغاندىن كېيىن يۇماسلىق. پەقەت بولمىغاندا چوڭ - چوڭ پارچىلاپ، ئاندىن پاكىز يۇيۇپ ئوتتۇرھال توغراش كېرەك. 3. كۆكتاتلارنى توغراپ بولغاندىن كېيىن تېز قورۇش، قورۇپ بولغاندىن كېيىن ۋاقتىدا يېيىش كېرەك. چۈنكى قانچە ئۇزۇن تۇرۇپ قالسا، ۋىتامىنلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. 4. كۈچلۈك ئوتتا تېز قورۇپ، سۇنى ئازراق قۇيۇش، قورۇش ۋاقتىنى ئىمكانقەدەر ئازلىتىپ، كۆكتاتتىكى ۋىتامىنلارنى ساقلاپ قېلىش. قورۇغان ۋاقىتتا ئاچچىقسۇنى ئازراق ئىشلىتىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا ۋىتامىن C نى كاقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە