قىزىل يوپۇرماقلارمۇ فوتوسىنتېز ئېلىپ بارالامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى پۈتۈنلەي يېشىل بولىدۇ. يېشىل يوپۇرماقنىڭ تەركىبىدە خلوروفىل دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل پىگمېنت (بوياق ماددىسى) بولىدۇ. ئۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئورگانىك ماددا ئىشلەيدىغان زاۋۇتى ھېسابلىنىدۇ. ئۆسۈملۈكنىڭ كىچىكلىكتىن چوڭىيىپ تەدرىجىي زورىيىشى مانا شۇ خلوروفىلنىڭ قۇياش نۇرى ئاستىدا ئىشلەپ چىقارغان ئورگانىك ماددىلىرىنىڭ ئۆسۈملۈك تېنىدە جۇغلانغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
لېكىن بەزى ئۆسۈملۈكلەر، مەسىلەن، قىزىلچا، قىزىل بۇغداي، بېگونىيە قاتارلىقلارنىڭ يوپۇرمىقى قىزىل ياكى سۆسۈن رەڭلىك بولىدۇ، ئۇلار فوتوسىنتېز ئېلىپ بارالامدۇ؟ ئېلىپ بارالايدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى قارىماققا قىزىل ياكى سۆسۈن رەڭلىك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە قىزىل ياكى سۆسۈن رەڭلىك يوپۇرماق قەۋىتى ئىچىدە يەنە خلوروفىل بولىدۇ، پەقەت بۇ خلوروفىللارنىڭ ئۈستىنى كۆپ ھەم قويۇق قىزىل رەڭلىك سىئانىدىنلار قاپلىۋالغان، خالاس. بىز مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلەپ كۆرەيلى: بىر قانچە تال قىزىل يوپۇرماق ئېلىپ ئۇنى قايناق سۇغا سېلىپ قايناتساق، ئۇزۇن ئۆتمەيلا سۇنىڭ رەڭگى سۇس قىزىلغا، يوپۇرماقنىڭ رەڭگى بولسا قىزىلدىن يېشىلغا ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇنىڭ سەۋەبى، سىئانىدىننىڭ سۇدا ناھايىتى ئاسانلا ئېرىگەنلىكى، خلوروفىلنىڭ بولسا سۇدا ئېرىمەستىن يەنىلا يوپۇرماققا ساقلىنىپ قالغانلىقىدىندۇر. قىزىل يوپۇرماقلارنىڭ فوتوسىنتېز ئېلىپ بارالايدىغانلىقىنىڭ سىرىمۇ دەل مۇشۇ يەردە.
دېڭىز ئاستىدا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلەر، مەسىلەن، لامنارىيە، قىزىل دېڭىز يۈسۈنى قاتارلىقلارغا كەلسەك، ئۇلار گەرچە بىنەپشە قوڭۇر رەڭلك بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تەركىبىدە يەنىلا خلوروفىل بولىدۇ، بىراق مىقدارى كۆپ بولمايدۇ. ئۇلار تېنىدىكى ئاشۇ ئازراق خلوروفىلغا تايىنىپ، دېڭىز سۈيىدىن ئۆتكەن ئاجىز قۇياش نۇرىنى قوبۇل قىلىپ فوتوسىنتېز ئېلىپ بېرىپ، ئورگانىك ماددا ياساپ، ئۆزلىرىنىڭ ياشاش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالىدۇ.