1. چوڭقۇر نەپەسلىنىش ھەرىكىتى ئ
نېمە ئۈچۈن
بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ئۆزى ۋە بالىسىنىڭ ئوزۇقلۇقىنى تولۇقلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بەزى ئانىلار تۇغۇتتىن كېيىن سەمرىپ، بەدەن قىياپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. گەرچە ئۇلار ئانا سۈتىنىڭ ئورۇقلىتىش رولىنى تولۇق بىلسىمۇ، بىراق يەنىلا ئۆزىنى تاماقتىن تىزگىنلەپ، بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدىكى نۇرغۇنلىغان مايلارنى سەرپ قىلىۋېتىدۇ. بۇخىل ئۇسۇل ناھايىتى خەتەرلىك، بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدىكى ئانىلار چوقۇم يېمەكلىكتىكى ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ تولۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. چۈنكى بارلىق ئوزۇقلۇق ئانا تېنىدە ساقلانغان مايلاردىن كەلمەيدۇ، <ئوزۇقلۇق مىقدارى يۇقىرى، ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن> بولغان ئورۇقلاش ئۇسۇلى — بېلىق، گۆش، تۇخۇملاردىن ئىبارەت ئاساسلىق يېمەكلىكلەردە بولۇپ، بۇ ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش ۋە يېمەسلىك ئارقىلىق ئورۇقلىماقچى بولغاندا دەرۋەقە بىرقانچە ھەپتە ئىچىدىلا بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بىراق بۇ خىل بەدەن ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلى بەدەندە سۇ كەم بولۇش ۋە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ شۇنداقلا بۇنداق يۇقىرى ئاقسىللىق تاماقلارنىڭ تەركىبىدە يېتەرلىك بولغان كاربون - سۇ بىرىكمىلىرى كەم بولۇپ، بەدەندىكى ماي قاتارلىق ئېھتىياجلىق بولغان ماددىلار خوراپ كېتىدۇ. ماي پارچىلىنىپ كۆپ مىقداردا كېتون تەنچىسى ھاسىل قىلىپ ئاسانلا كېتونېمىيە كىسلاتادىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، داۋاملىشىۋەرسە بۆرەك ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالا ئانا سۈتى ئارقىلىق ئوزۇقلانغاچقا، ئانىنىڭ تاماقنى چەكلىشى تۈپەيلىدىن بەدىنىدىكى ئاجراتمىلار قالايمىقانلىشىپ، سۈتنىڭ مىقدارى ئازلاپ، سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بالىمۇ يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەي، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.