UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقانداق قىلغاندا بوۋاقنىڭ ئۇخلاشتىن قىيسىق باش بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا بوۋاقنىڭ ئۇخلاشتىن قىيسىق باش بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاق بىر - ئىككى ئايلىق بولغاندا بەزى بوۋاقلار ئۇخلىغاندا ئاللىبۇرۇنلا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردەك <ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش> ىغا بويسۇنماي يېنىنى بېسىپ بىر يۆنىلىشكە قاراپ ئۇخلايدۇ. بۇ ئاسانلا ئۇخلاشتىن قىيسىق باش بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بوۋاقنىڭ بۇنداق ئۇخلاش ئادىتى بەلكىم ئۇنىڭ ھامىلە مەزگىلىدىكى ھالىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ھامىلە مەزگىلىدە بىر يۆنىلىشكە قارىغان ھالەتكە ئادەتلىنىپ قالغانلىقتىن، تۇغۇلغاندىن كېيىنمۇ بىر يۆنىلىشكە قاراپ ئۇخلاشقا ئادەتلىنىپ كېتىدۇ. بوۋاقنىڭ قىيسىق باش بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىمكانقەدەر ئالداپ تۇرۇپ، قارشى يۆنىلىشكىمۇ قاراپ ئۇخلاشقا ماسلاشتۇرۇش مەسىلەن: قارشى تەرەپتىكى نۇرنى بىر ئاز كۈچەيتىش، ياكى كىچىك ئويۇنچۇقلارنى قويۇپ قويۇش، بۇنىڭدا ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بوۋاق ھەر قانداق بىر تەرەپكە قاراپ ئۇخلاشقا ئادەتلىنىپ، ئۇخلاشتىن بېشى قىيسىق بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە