UyghurWiki
UyghurWikiنەمەدېلفىن نېمە ئۈچۈن سۇدا تېز ئۈزەلەيدۇ؟

دېلفىن نېمە ئۈچۈن سۇدا تېز ئۈزەلەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن دېلفىن دېڭىز - ئوكياندىكى سۇ ئۈزۈشكە ئەڭ ماھىر ھايۋانلارنىڭ بىرى. ئۇ دېڭىزدا دولقۇننىڭ يۆنىلىشى بويىچە سائىتىگە 100 مىڭ مېتىرلىق تېزلىك بىلەن ئۈزەلەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ سۈرئىتى قۇرۇقلۇقتىكى قىسقا ئارلىققا يۈگۈرۈش چېمىپىيونى ئوۋچى قاپلاننىڭ سۈرئىتى بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ. بىر پاراخوت شاڭخەيدىن داليەنگە 30 نەچچە سائەتتە يېتىپ بارىدۇ. دېلىفىن بولسا شۇ ۋاقىتنىڭ يېرىمىدىلا يېتىپ بارالايدۇ. شۇڭا، ئۇ ھەقىقەتەن «سۇ ئۈزۈش چېمىپىيونى» بولۇشقا مۇناسىپ. دېلىفىننىڭ ئەنە شۇنداق تېز سۇ ئۈزەلىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ بەدەب شەكلى سۇ ئۈزۈشكە تولىمۇ ماس كەلگەندىن باشقا، ئۇنىڭ يەن تېرە قۇرۇلملىسىنىڭ ئالاھىدە بولغانلىقىدا. ئۇنىڭ تېرىسى تېرە، ھەقىقىي تېرە، زىچ مايلىق تېرە، شالاڭ مايلىق تېرە ۋە سىڭىردىن ئىبارەت بەش قاتقا بۆلۈنىدۇ. ھەقىقىي تېرىدە سانسىز نەيچىلەر كۆپۈپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە بىر خىل ئالاھىدە ھەرىكەتچان ماي توشۇپ كەتكەن. دېڭىز سۈيى دېلىفىننىڭ تېرىسىگە ئۇرۇلغاندا، ماي كۆپۈك ھالەتتىكى نەيچىلەرنىڭ ئىچىدەئېقىپ، دولقۇن شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ - دە، پۈتكۈل تېرىنى بۇلۇتتەك قىلىۋېتىدۇ. بۇ خىل تېرە قۇرۇلمىسى خۇددى تەۋرىنىشنى سۈمۈرگۈچ ئەسۋابىغا ئوخشاش سۇنىڭ سۈركىلىش كۈچىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدۇ. شۇڭا، دېلفىن سۇدا ناھايىتى تېز ئۈزەلەيدۇ. ھازىر ئالىملار دېلفىننىڭ تېرە قۇرۇلمىسىغا تەقلىد قىلىپ، تورپېدادا ۋە پاراخوتتا تەجرىبە ئىشلەپ، «دېلفىن كىيىمى» كىيىدۈرۈلگەن پاراخوتنىڭ ماڭغان چاغدىكى قارشىلىق كۈچىنى 50 پىرسەنت ئازايتتى. ئالىملار كېيىن يەنە بۇ تېخنىكىنى سۇ ئاستى پاراخوتىغىمۇ تەتبىقلاپ، سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلەتتى.
← بارلىق تېمىلار نەمە