UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارغا قوشما جۈملىنى قانداق ئۆگىتىش كېرەك؟

بالىلارغا قوشما جۈملىنى قانداق ئۆگىتىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ تىل قابىلىيىتى كۈچەيگەن ۋاقىتتا، چوقۇم قوشما جۈملىگە ئالاقىدار بولغان مەسىلىلەرنى سورايدۇ. قوشما جۈملىدە، ئوخشاش بولمىغان جۈملىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بىلەن باغلىغۇچى سۆز ئىشلىتىلىدۇ. بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق سۆزلەر بىر ئاز تەسكە توختايدۇ. بالىلار دائىم بۇ مەسلىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپ، جۈملە تۈزىيەلمەيدۇ. مەسىلەن: بىر بالا <دەسلەپتە مەن ئوينىغىلى چىققان ئىدىم، ئاندىن كېيىن مەن قايتىپ كەلدىم، ئاندىن كېيىن مەن ئويۇنچۇقنى ئوينىدىم، ئاندىن كېيىن كىتاب كۆردۈم> دېگەن بولسا، باغلىغۇچى سۆزنى مۇۋاپىق ئىشلەتمىگەنلىكىدىن دېمەكچى بولغان گەپلىرىنى قالايمىقان ئىپادىلەيدۇ. بالىلارنىڭ قوشما جۈملىدىكى باغلىغۇچى سۆزلەرنى چۈشىنىشىگە ۋە ئىشلىتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئائىلە باشلىقلىرى مەقسەتلىك ھالدا ئۈلگە كۆرسىتىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئەگەر بالا <شاۋچۈەن ناھايىتى كەپسىز> دېگەندە، ئائىلە باشلىقى ئۇلاپلا <گەرچە شاۋچۈەن كەپسىز بولسىمۇ، بىراق ئۇ ناھايىتى ئەقىللىق> دېسە بولىدۇ. ئالاھىدا ئانا - بالا ئوتتۇرىسىدا مۇنداق دىئالوگ بولىدۇ. — ئاپا، مەن كىيمىمنى سالىمەن. — نېمىشقا؟ — بەك ئىسسىق ئىكەن. — بەك ئىسسىق بولغاچقا، كىيىمىڭىزنى سالماقچىمۇ؟ يەنە گاھىدا مۇنداق دىئالوگمۇ بولىدۇ. — مەن ئوينايمەن. — ئەگەر سىز ئوينىماقچى بولسىڭىز، ئويۇندىن كېيىن ئويۇنچۇقلىرىڭىزنى رەتلىيەتلىسىڭىز ئوينىغىلى قويىمەن. بالا دائىم <ئەگەر … بىراق> <چۈنكى … شۇڭا>، <ئەگەر …> دېگەندەك باغلىغۇچى سۆزلەرنى ئاڭلاۋەرسە، ئاستا - ئاستا قوشما جۈملەرنى ئىپادىلەشنى چۈشىنىۋالىدۇ ۋە ئىشلىتەلەيدىغان بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلارغا قوشما جۈملىنى قانداق ئۆگىتىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki