UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئەمچەكتوپچىسىنى چىشلىتىپ ئۇخلىتىشقابولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئەمچەكتوپچىسىنى چىشلىتىپ ئۇخلىتىشقابولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئەمچەك توپچىسىنى (ياكى ئېمىزگۈ) نى چىشلىتىپ ئۇخلاتماسلىق كېرەك. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بىلەن ئانىغا پايدىسىز. ئەگەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئەمچەك توپچىسىنى شوراپ ئۇخلاپ قالغاندا، ئانىنىڭ ئەمچەك توپچىسى ئۇزۇن ۋاقىت شۆلگەي سۇيۇقلۇقى ياكى سۈتكە چىلىنىپ تۇرۇپ ئاسانلا ئەمچەك توپچىسى بۇزۇلۇش ياكى سۈت بېزى نەيچىسى ئېغىزى توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بۇرۇن ۋە يۇتقۇنچاق قىسمىدىكى مىكروبلارمۇ ئاسانلا ئەمچەك توپچىسىغا تارقىلىپ سۈت بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئانا بوۋاقنى نورمال ئېمىتىشكە ئامالسىز قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۇزۇن ۋاقىت ئەمچەك توپچىسىنى شوراپ تۇرسا، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا بولغان زىيادە غىدىقلاشتىن كېلىپ چىقىدىغان قۇسۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن يەنە بوۋاق ئەمچەك توپچىسىغا يۆلىنىۋېلىشنى شەكىللەندۈرۈپ، ياخشى ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىسىز. ئۇنىڭدىن سىرت، ئانا بەزىدە چارچىغانلىقتىن ياكى ئېھتىياتسىزلىقتىن ئەمچەك توپچىسى بوۋاقنىڭ بۇرۇن تۆشۈكىنى توسۇۋېلىپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ تۇنجۇقۇشىنى ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈشىدەك ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە