UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئەمچەكنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشىنى ھەل قىلىشنىڭئۇسۇلى قانداق؟

ئەمچەكنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشىنى ھەل قىلىشنىڭئۇسۇلى قانداق؟

نېمە ئۈچۈن ئەمچەكنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشى نۇرغۇنلىغان ئانىلار دۇچ كەلگەن مەسىلە، ئۇ ئانىنىڭ بالا ئېمىتىش كەيپىياتىغا، سۈتنىڭ ئاجرىتىلىشى ۋە بالىنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەمچەكنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشى دائىم ئەمچەكنىڭ زىيادە تولۇپ كېتىشى ياكى ئەمچەككە قان سۇيۇقلۇقى، بەدەن سۇيۇقلۇقى ۋە سۈتنىڭ توپلىنىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا 24 سائەتتىن 48 سائەتكىچە ئاسراش ئېلىپ بېرىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى يېنىكلىتىش كېرەك. ئېمىتىش قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشمۇ ئەمچەكنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشىنى يوقىتىدىغان ئامال، ئېمىتىشتىن ئاۋۋال ھۆل لۆڭگە بىلەن ئەمچەكنى ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە سۈرتۈپ ئاندىن يېنىك ھالدا ئۇۋۇلاش، شاپىلاقلاش ياكى تەۋرىتىش كېرەك. قول ياكى سۈت سۈمۈرگۈچى ئەسۋاب بىلەن سۈتنى سۈمۈرتۈپ، يۇمشىتىپ، بالىغا توغرا ھالەتتە ئېمىتىش كېرەك. پات - پات ئېمىتىپ، سۈتنى ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىشمۇ ئەمچەكنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشىنى يېنىكلىتىشنىڭ ئۇسۇلى. ئېمىتىپ بولغاندىن كېيىن باغىرداقنى تاقاپ، ئەمچەكنىڭ راۋان بولۇشىنى ياخشىلاپ، ئەمچەكنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشىنى يېنىكلىتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە