قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشقاندا ۋىتامىننىڭرولى بارمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ۋىتامىن ئىنساننىڭ ھايات پائالىيىتىدە كەم بولسا بولمايدۇ، ئادەم بەدىنى ئۆزلۈكىدىن ۋىتامىنلارنى پەيدا قىلالمايدۇ، پەقەت يېمەكلىكلەردىن قوبۇل قىلىدۇ. ۋىتامىن سۇلۇق ۋىتامىن ۋە مايلىق ۋىتامىن دەپ ئايرىلىدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ ۋىتامىنغا بولغان ئېھتىياجى گەرچە بەك چوڭ بولمىسىمۇ، بىراق كەم بولسا بولمايدۇ. بالىلار ئەمچەكتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ۋىتامىن تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. گۆشلەردە مول بولغان مايلىق ۋىتامىن بولىدۇ، كۆكتاتلاردا يېمەكلىكلەردە مول بولغان سۇلۇق ۋىتامىنلار بولىدۇ، شۇڭا بۇ ئىككىلىسىنى تەڭ ئىستېمال قىلىش كېرەك. بەزى ئانىلار گۆش تەركىبىدىكى ۋىتامىن كۆكتاتلارنىڭكىدىن يۇقىرى دەپ قاراپ، دائىم بالىلىرىغا گۆش بېرىشكە دىققەت قىلىپ، سەي - كۆكتاتقا دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ. بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس، كۆكتاتلار تەركىبىدە ۋىتامىن C بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىنى ساقلاپ، ئېممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئەگەر بەدەندە ۋىتامىن C كەم بولسا قان بۇزۇلۇش ۋە باشقا ئېغىر كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ