كومپيۇتېر نېمە ئۈچۈن سۆزلىيەلەيدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
كومپيۇتېرنىڭ سۆزلىيەلەيدىغانلىقىغا دائىر مىساللار ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، سىز سۈرۈشتۈرۈش نومۇرى 114 نى باسسىڭىز تېلېفونىست شىركەت ئىسمىنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، كومپيۇتېر ئاپتوماتىك ھالدا تېلېفون نومۇرىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ؛ تېلېفون ئارقىلىق ئىمتىھان نەتىجىڭىزنى سۈرۈشتۈرسىڭىز، كۇنۇپكىلار ئارقىلىق ئۇچۇر كىرگۈزگەندىن كېيىن، كومپيۇتېر ئاپتوماتىك ھالدا ئالغان نومۇرىڭىزنى ئېيتىپ بېرىدۇ؛ كومپيۇتېرنىڭ مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچى ئورنىتىلغان تولۇق ئاپتوماتىك كىرئالغۇ كىرنى يۇيۇپ بولغاندا <دىت - دىت> ئاۋاز چىقىرىپ، كىيمىڭىزنى پاكىز يۇيۇپ بولغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.
كومپيۇتېر نېمىشقا سۆزلىيەلەيدۇ؟ چۈنكى، ئۇنىڭغا <ئاۋاز كارتىسى>، <تاۋۇش بىرىكتۈرۈش سىستېمىسى> قاتارلىق قاتتىق ماتېرىيال ۋە يۇمشاق ماتېرىيال ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلغان. ئۇلار <سۈنئىي ئېغىز> غا ئوخشاش، كومپيۇتېرنى سۆزلىتەلەيدۇ.
كومپيۇتېر تاۋۇشلارنى بىرىكتۈرۈپ، مەخسۇس لايىھىلەنگەن قۇرۇلمىغا تايىنىپ، ئادەمنىڭ ئاۋازىغا تەقلىد قىلىنغان ئاۋاز بىلەن <سۆزلىيەلەيدۇ>. تاۋۇش بىرىكتۈرۈش جەريانىدا ئۇ ئالدى بىلەن ئېھتىياجلىق تاۋۇش ئۇچىرىنى بىرىكتۈرۈپ خاتىرىلىۋالىدۇ، ئاندىن كېيىن بۇ تاۋۇشلارنڭ تەقلىدىي سىگنالىنى رەقەملىك سىگنالغا ئايلاندۇرۇپ، بەلگىلىك قانۇنىيەتكە ئاساسەن ئۇنى ماگنىتلىق دىسكا ياكى ئوپتىكىلىق دىسكا قاتارلىق ساقلىغۇچلارغا ساقلاپ قويىدۇ. <سۆزلەش>ئېھتىياجى تۇغۇلغاندا، كومپيۇتېر ساقلىغۇچتىكى ماس ئۇچۇرلارنى بىۋاستە ئوقۇپ، ئۇلارنى تەقلىدىي تاۋۇش سىگنالىغا ئايلاندۇرىدۇ ۋە ئاۋاز كارتىسى، ياڭراتقۇ، كاناي قاتارلىق تاۋۇش چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ھەمدە ئاڭلىتىش يۇمشاق ماتېرىيالىغا تايىنىپ <سۆزلەيدۇ>. شۇنىڭ بىلەن، بىز كومپييۇتېرنىڭ <سۆزى> نى ئاڭلىيالايمىز.