UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئەمدىلا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ نۇرغا بولغان ئىنكاسى قانداق بولىدۇ؟

ئەمدىلا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ نۇرغا بولغان ئىنكاسى قانداق بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئادەمنىڭ كۆرۈش سەزگۈ ئىقتىدارى تۇغۇلۇپ كۆز ئاچقاندىن كېيىن سىرتقى دۇنيانىڭ غىدىقلىشىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىدۇ ۋە ياخشىلىنىدۇ. ئىلمىي تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشچە، بوۋاق تۇغۇلۇپ بىر قانچە سائەتتىن كېيىن كۆزىنى ئاچقاندىن باشلاپ نۇرغا بولغان ئىنكاسى پەيدا بولۇشقا باشلايدىكەن. بوۋاقلارنىڭ ھەممىسى يورۇق، پارقىراق نەرسىلەرگە قاراشقا ئامراق، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنى پەرق ئېتەلەيدۇ. مەسىلەن: ئۇنى كۆتۈرۈپ يورۇق يەرگە ئەكەلسىڭىز، ئۇ كۆزىنى ئېچىپ تىكىلىپ قارايدۇ. قاراڭغۇ يەرگە ئەكەلسىڭىز، بىئارام بولۇپ، تېپچەكلەيدۇ. ئېيىغا توشاي دېگەندە، يېڭى تۇغۇلغانلاردا ئاستا - ئاستا كۆرىدىغان نەرسىلەرنى تاللاش ۋە پائالىيەتچان نەرسىلەرگە دىققەت قىلىش ھالىتى پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. مەسىلەن: قىزىل رەڭلىك جىسىم بىلەن كۈل رەڭ تۇتۇق جىسىم ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا بىرلا ۋاقىتتا پەيدا بولغاندا، ئۇ قىزىل رەڭگە دىققەت قىلىدۇ. ئاۋازسىز، مىدىرلىمايدىغان ئويۇنچۇق بىلەن ئاۋازلىق، ھەرىكەتچان ئويۇنچۇقنى بىرلا ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئالدىغا قويغاندا، ئۇ ئاۋازلىق، ھەرىكەتچان ئويۇنچاققا دىققەت قىلىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، چوڭ مېڭە تەرەققىي قىلىشقا، تاللاش ۋە دىققەت قىلىشمۇ بارغانسېرى ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. بالىلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىگە نىسبەتەن خىلمۇخىل مۇۋاپىق بولغان غىدىقلىنىشلار بولسا، قۇياش چىققان ۋە ئولتۇرغان ۋاقىتتىكى نۇرغا نىسبەتەن، بالىلاردا ھەيران قېلىش كەيپىياتى پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئەمدىلا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ نۇرغا بولغان ئىنكاسى قانداق بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki