بوۋاقنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىقانداق ئاشۇرۇلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بوۋاقنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە دىققەت قىلىش كېرەك:
1. تولۇق، تەڭپۇڭ بولغان ئوزۇقلۇق. تولۇق، تەڭپۇڭ بولغان ئوزۇقلۇق بوۋاقنىڭ نورمال، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئۇ بوۋاقنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، بوۋاقنىڭ ئىممۇنىتېت ۋە كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. شۇڭا ئانا سۈتى بىلەن بېقىش، ۋاقتىدا قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ بېرىش، ھەرخىل ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلارنى تولۇقلاش، ياخشى بولغان يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش تەشەببۇس قىلىنىدۇ؛
2. كۈتۈشنى كۈچەيتىش. شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، بوۋاققا ياخشى بىر تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش، ئەستايىدىل كۈتۈش، مەسىلەن: پات - پات يۇيۇپ تۇرۇش، كىيىمىنى ئالماشتۇرۇش، قولنى يۇيۇش قاتارلىقلار، بوۋاقنىڭ شەخسىي تازىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛
3. كىيىمىنىڭ قېلىن - نېپىزلىقىنى ماسلاشتۇرۇپ كىيدۈرۈش. پەسىل، ھاۋا، ئۆي تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن بوۋاقنىڭ كىيىمىنى قېلىنلىتىش ياكى نېپىزلىتىش؛
4. تەنتەربىيە چېنىقىشنى كۈچەيتىش. بوۋاق ئېيىغا توشقاندىن كېيىن سىرتلارغا ئەپچىقىپ ھەرىكەت قىلدۇرۇش، كۆپرەك ئاپتاپسىندۇرۇش، يەنە بوۋاقنى ئۇۋۇلاپ ساغلاملىق ھەرىكىتى ئىشلىتىش قاتارلىقلار.