UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئىچى سۈرۈپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

ئىچى سۈرۈپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بالىنىڭ ئىچى سۈرۈپ كەتسە، تامىقى ئازلاپ كېتىدۇ. ئاشقازان - ئۈچەيلەرنىڭ لۆمۈلدىشى كۆپىيىپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئازلاپ، چوڭ تەرەت كۆپىيىپ كېتىدۇ، دائىم ئىچى سۈرۈۋەرسە، بالىنىڭ ئوزۇقلۇقى ياخشى بولماي، بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەپ، ئىچى سۈرۈشى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق يامان سۈپەتلىك ئۆزگىرىش بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ناھايىتى زور تەسىر قىلىدۇ. بالىنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالغاندا ئالدى بىلەن سۇ تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش، ئەگەر بالا يېيىشنى خالىسا، مېۋە ۋە مېۋە شىرىسى بېرىش كېرەك. ئەگەر بالىنىڭ ئىچى بەك سۈرۈپ كەتسە، روھىي كەيپىياتى ياخشى بولماي، مېڭە لىپىلدىقى ئولتۇرۇشۇپ، سۈيدۈك مىقدارى ئازلاپ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كېتىدۇ ياكى يىغلىغاندا كۆزىدىن ياش چىقمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش، پەقەت ئىچى سۈرۈشنى داۋالاشقىلا قاراپ قالماي، ئەڭ مۇھىمى ئىچ سۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم تەدبىر بالىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا ئىلھاملاندۇرۇش. چۈنكى ئانا سۈتىدە بالىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا مۇۋاپىق ھەم كۆپ مىقداردىكى كېسەلگە قارشى ئىممۇنىتېت ماددىلار بار. بۇ ئاشقازان - ئۈچەينىڭ يېپىشقاق قاتلىمىنىڭ يىرىك بولۇشىنى پەيدا قىلىپ، ئىچى سۈرۈشنى ئازلىتىدۇ. بالىغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بەرگەندە، سۇ ۋە يېمەك - ئىچمەكنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە