UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلار قانداق سۇنى ئىستېمال قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟

بالىلار قانداق سۇنى ئىستېمال قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھازىر ئىستېمال قىلىدىغان سۇنىڭ تۈرىمۇ خىلمۇخىل بولۇپ كەتتى. مەسىلەن: تۇرۇبا سۈيى، مىنېرال بۇلاق سۈيى، ساپ سۇ قاتارلىقلار. بالىلارنىڭ ئىستېمال قىلىدىغان سۈيىنى تاللاشتا، نۇرغۇنلىغان ئاتا - ئانىلار ئوڭايسىزلىنىپ <بالىلارنىڭ سۇ ئىچىشىمۇ قىيىن مەسىلە> گە ئايلىنىپ قالدى دېيىشىدۇ. بالىلار ئىستېمال قىلىدىغان سۇنى تاللاشتا تۆۋەندىكى پرىنسىپ بويىچە تاللاش كېرەك. بىرىنچىسى بىخەتەرلىكى، ئىككىنچىسى، ئوزۇقلۇق قىممىتى. ئالدى بىلەن ئەگەر تۇرۇبا سۈيىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلالىسا، ئەڭ ياخشىسى تۇرۇبا سۈيىنى قايناتقاندىن كېيىن ئاندىن سوۋۇتۇپ، بالىلارغا بېرىش؛ بۇ ھەم تېجەشلىك ھەم بىخەتەر تاللاش، ئۇنىڭدىن باشقا ئەگەر تۇرۇبا سۈيىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلالمىسا، بالىلارغا قاچىلانغان ئەلا سۈپەتلىك مىنېرال بۇلاق سۈيى بېرىش؛ بىراق ھەرگىزمۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغان مىنېرال سۇ بېرىشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر تۇڭ سۇنى ئەڭ ياخشىسى بىر ھەپتىدە ئىچىپ تۈگىتىش، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ 10 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، شۇنداقلا ھەر يېرىم ئايدا بىر قېتىم سۇ قاچىلايدىغان تۇڭنى تازىلاش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلار ئۇزۇن مۇددەت ساپ سۇ ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك، چۈنكى ساپ سۇنىڭ تەركىبىدە مىنېرال ماددىلار كۆپ بولۇپ، بالىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز ئامىللارنى پەيدا قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە