UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆپىيىش ئەزاسىنىقانداق يۇيۇش كېرەك؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆپىيىش ئەزاسىنىقانداق يۇيۇش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ خەتنىلىكى ھەر قاچان ئۇزۇن بولۇپ، زەكەر بېشىنى ئوراپ تۇرغاچقا ئىچكى دىۋارى دائىم سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقارغانلىقتىن نەملىكى يۇقىرىراق، ئاسان مەينەت نەرسىلەر يوشۇرۇنىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىر خىل ئاق رەڭلىك نەرسە شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ خەتنىلىك كىرى دېيىلىپ، راك پەيدا قىلىش رولىغا ئىگە. شۇڭا بوۋاقنىڭ كۆپىيىش ئەزاسىنى يۇغاندا، بۇ يەرنىڭ پاكىز يۇيۇلىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش. يۇيغاندا ھەرىكىتى سىلىق بولۇش، خەتنىلىكىنى ئاستا ئۈستىگە ئىتتىرىپ سىرتقى سۈيدۈك يولى ئېغىزىنى چىقىرىپ، پاختىلىق پىلتىكۈچنى سۇدا نەمدەپ زەكەر بېشىنى ئايلاندۇرۇپ سۈرتۈپ يۇيۇش، سۈرتۈپ تازىلاپ بولغاندىن كېيىن خەتنىلىكىنى ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويۇش كېرەك. ئۇرۇقدان خالتىسى بىلەن مەقئەت ئارىسىدىكى قىسىم چاتراق دېيىلىدۇ. بۇ ئورۇندىمۇ قالدۇق سۈيدۈك ياكى مەقئەتتىن چىقارغان نەرسىلەر يىغىلىۋالغاچقا پاختا پىلتىكۈچنى سۇدا نەمدەپ سۈرتۈپ تازىلاش، قىز بوۋاقلارنىڭ كۆپىيىش ئەزاسىنى يۇيۇشتا جىنسىي لەۋنى ئايرىپ پاختا پىلتىكۈچنى سۇدا نەمدەپ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئاستا سۈرتۈپ يۇيۇش كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆپىيىش ئەزاسىنى يۇيۇشتا دورىلىق تەركىبى بولغان سۇيۇقلۇق ۋە سوپۇن ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش، سىرتقى زەخىم، غىدىقلىنىش ھەم زىيادە سېزىم رېئاكسىيىسى كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەگەر زۆرۈر بولغاندا پاختا پىلتىكۈچنى پاراففېن مېيىدا نەمدەپ تازىلاش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە