سۇ تولۇقلاش كېرەكمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بىر - ئىككى ئايلىق بولغان بالىلار سۇيۇلدۇرۇلغان سەي سۈيى، مېۋە شىرنىسى ئىچسە بولىدۇ، ئۈچ ئايلىق بولغان بالىلار سەي شورپىسى، مېۋە شىرنىسىنى ئىستېمال قىلىپ، سۇ ئىستېمال قىلمىسىمۇ بولىدۇ. ئانا سۈتىنىڭ بالا بېقىشتىكى ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق بولۇشىدىكى سەۋەب، سۈتنىڭ تەركىبىدە بالىنىڭ يېتىلىش جەريانىدا ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار ھەتتا سۇمۇ بار. قۇرغاق، ئىسسىق پەسىلدىمۇ ئانا سۈتى بالىلارنى يېتەرلىك سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئانا سۈتى تەركىبلىرى ناھايىتى مۇۋاپىق بولۇپ، ئارتۇق سۇ، مىنېرال ماددىلار يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېمىزگۈ ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى يوشۇرۇن مۇناسىۋەتنى قالايمىقان قىلىۋېتىپ، سۈت بوتۇلكىسى بالىنىڭ ئەمچەك توپچىسىغا بولغان سەزگۈسىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، بالىلارغا سۇ بېرىش ئارتۇقچىدەك كۆرۈنىدۇ. بالا ئىسسىق ياكى ئۇسسىغانلىقىنى ھېس قىلغاندا، ئانا خاتىرجەملىك بىلەن بالىنى ئېمىتىش كېرەك. بالىنى سۇ مىقدارى تولۇق بولغان ئالدىنقى سۈت (سۈت چاچراش ئىنكاسى پەيدا قىلغان سۈت) بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشى كېرەك. ماي مىقدارى كۆپ سۈت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق (سۈت چاچراش ئىنكاسىدىن كېيىن غىدىقلىنىپ، سۈت بەزلىرى ئاجرىتىپ چىققان سۈت). ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى ھېس قىلمايدۇ، ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىلار ئۆزىنى تەڭشەشنى بىلىدۇ.