بالىنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئۇخلاش ياخشى ئىشمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بالا تۇغۇلغاندا ئۆيدىكىلەرگە چەكسىز خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئاتا - ئانىلار ئۇنىڭغا كۆز گۆھىرىنى ئاسرىغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ. ھەر ۋاقىت، ھەر زامان بالىنى قۇچاقلىماقچى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئاخشىمى بالا بىلەن بىللە يېتىپ تۇرۇپمۇ ئۆزىنىڭ قۇچىقىغا ئېلىپ، مەھكەم قۇچاقلىۋالىدۇ. بالا دەرۋەقە ئاتا - ئانىنىڭ قۇچاقلىشىغا، پەپىلىشىگە موھتاج. ئاتا - ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ياتقاندا، ئادەتتىن تاشقىرى ئىللىق ۋە بىخەتەر ھېس قىلىدۇ، بالىنى قۇچاقلاشمۇ ئاتا - ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى. بىراق، بىللە ئۇخلىغاندىمۇ ئازراق ئارىلىق قېلىشى كېرەك، بالا ئۇخلىغان ۋاقىتتا، بالىغا مۇۋاپىق پائالىيەت ئورنى قالدۇرۇپ، تاتلىق ئۇخلىشىغا پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بېرىپلا قالماي، يۈرەك، ئۆپكە، سۆڭەكنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. بالىنى چىڭ قۇچاقلاپ ئۇخلىغاندا، بالا ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ، بالىنىڭ تېنىمۇ راھەتلەنمەي، بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ پائالىيىتى بولۇپمۇ پۇت - قوللىرىنىڭ پائالىيىتى چەكلىمىگە ئۇچراپ، پۈتۈن بەدەن مۇسكۇل ئازادىلىكىگە ئېرىشەلمەيدۇ ھەم بالا كاربون تۆت ئوكسىدى بىلەن يېڭى ھاۋانى سۈمۈرۈپ كېتىپ، بالىنىڭ مېتابولىزمىغا تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا بالىنى چىڭ قۇچاقلاپ ئۇخلىماسلىق كېرەك.