UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلاردا ئاكتىپ كەيپىيات خاتىرىسىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟

بالىلاردا ئاكتىپ كەيپىيات خاتىرىسىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن كەيپىيات خاتىرىسى (ئەستە ساقلاش) بولسا ئەستە ساقلاش مەزمۇنى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر تەرەپ، ئاكتىپ بولغان كەيپىيات خاتىرىسىدا دائىم خۇشاللىنىش، قانائەتلىنىش قاتارلىق كەيپىيات كەچۈرمىشى بولىدۇ. ئەكسىچە پاسسىپ بولغان كەيپىيات خاتىرىسىدە دائىم قورقۇش، بىئارام بولۇش، ئازابلىنىش، يالغۇزسىراش قاتارلىق كەيپىيات كەچۈرمىشى بولىدۇ. بالىلارنىڭ كەيپىياتى خىلمۇخىل بولغاچقا ئۇلارنىڭ خاتىرىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئەينى ۋاقىتتىكى كەيپىيات كەچۈرمىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بەزىدە ئەستە ساقلانغان ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. بىراق ئەينى ۋاقىتتىكى كەيپىيات نەتىجىسى ئىزچىل تۈردە شۇنىڭ خاتىرىسىدە ساقلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا، ئاتا - ئانىلار كەيپىيات خاتىرىسىدىن پايدىلىنىپ ئاساسلىقى، بالىلارنىڭ ئەستە ساقلاش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرسە بولىدۇ. ئۇنداقتا، بالىلارنىڭ ئاكتىپ بولغان كەيپىيات خاتىرىسىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟ ئالدى بىلەن، ئىناق بولغان، مېھرىبانلىققا تولغان ئائىلە بالىدا بىخەتەر، خۇشال كەچۈرمىش پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن بالا ئىزدىنىشكە جۈرئەت قىلىپ، بىلىمگە ئېرىشىدۇ. كەيپىياتنى ئەستە ساقلاشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئەكسىچە، بېسىم ۋە جېدەل - ماجىراغا تولغان، ئىللىقلىق كەم بولغان ئائىلىدە بالىلار ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، كىشىگە ئارىلاشمايدىغان، قورقۇنچاق بولۇپ قالىدۇ. بۇ بالىنىڭ ئىزدىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئاز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ - دە، بالىنىڭ ئاكتىپ كەيپىيات خاتىرىسىگە تەسىر يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، زوراۋانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان كىنو - فىلىم، رەسىملىك ژۇرناللارنى بالىغا ئىمكانقەدەر كۆرسەتمەسلىك. بالىدا قورقۇش، بىئارام بولۇش تۇيغۇسى پەيدا بولغاندا، بالىغا ۋاقتىدا تەسەللى بېرىپ، بالىغا كۆيۈنۈپ، پاسسىپ كەيپىيات خاتىرىسىنى يوقىتىپ تاشلاش كېرەك. بالا قاراڭغۇلۇقتىن، قورقۇنچلۇق ئاۋازدىن قورققاندا، ئائىلە باشلىقلىرى بۇ شەيئىلەر بىلەن خۇشال - خۇرام، يېقىملىق غىدىقلىنىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاستا - ئاستا پاسسىپ تەسىرىنى يوقىتىش كېرەك. ئائىلە باشلىقلىرى يەنە ھېكايە ۋە كىنولاردىكى قەھرىمانلار ئارقىلىق بالىغا تەربىيە بەرسە، بالا ئاستا - ئاستا قورقۇنچاق، نومۇسچان مىجەزىنى ئۆزگەرتىدۇ ھەم يەنە ئائىلە باشلىقلىرى بىر خىل مەنزىرىنى لايىھىلەش ئارقىلىق بالىنىڭ ئەستە ساقلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. بىخەتەر مۇھىت، ئىللىق كەيپىيات، تونۇش ئادەم بولغان مۇھىت بالىدا ئاكتىپ كەيپىيات خاتىرىسىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، خىلمۇخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق بالىنىڭ ئاكتىپ كەيپىياتىنى قوزغاپ، بالىنىڭ تەپەككۇرىدا ئاكتىپ ھالەت ئۈستۈنلۈكىنى پەيدا قىلسا، بالىنىڭ ئاكتىپ كەيپىيات خاتىرىسىگە پايدىلىق. مەسىلەن: ئويۇن ئارقىلىق بالىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغىلى بولىدۇ ياكى بالىلارغا ئويلىنىش ۋاقتى بەرسە، بالىنىڭ ئەستە ساقلاش تەييارلىق ھالىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ماختاشمۇ بالىنىڭ ئاكتىپ كەيپىيات خاتىرىسىگە پايدىلىق.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلاردا ئاكتىپ كەيپىيات خاتىرىسىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki