UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئەقلىي قابىلىيەت دېگەن نېمە؟

ئەقلىي قابىلىيەت دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن ئەقلىي قابىلىيەت بولسا تۈزىتىش قابىلىيىتى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتى، تىل قابىلىيىتى، تەپەككۇر قابىلىيىتى، مەشغۇلات ئىقتىدارى قاتارلىق ئاساسىي تەركىبلەردىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ ئىچىدە، تەپەككۇر بولسا ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ يادرولۇق تەركىبى. ئەقلىي قابىلىيەت مۇشۇ ئالتە خىل ئاساسىي تەركىبتىن تەركىب تاپىدۇ. بىراق، ئەقلىي قابىلىيەت مۇشۇ ئاساسىي تەركىبلەرنىڭ ئاددىي ھالەتتىكى قوشۇلۇشى بولماستىن، بەلكى مۇشۇ تەركىبلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال جەھەتتە بىرلىشىپ بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولۇشىدىن ئىبارەت. شۇڭا، بۇنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىر جەھەتكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ، باشقا تەرەپكە سەل قارىماسلىق كېرەك. بۇ خۇددى بىر ماشىنىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئىقتىدارى پۈتۈن ماشىنىنىڭ قۇرۇلمىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ھەرگىزمۇ مەلۇم زاپچاس ئىقتىدارىنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن بەلگىلەنمەيدۇ. ئەگەر ھەربىر زاپچاسنىڭ ئىقتىدارى ياخشى بولسا، بىراق زاپچاسلار ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىشتا مەسىلە بولسا، ئۇنداقتا، بۇ ماشىنىنىڭ ئىقتىدارىدا مەسىلە بولىدۇ، ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ ياخشى - يامان بولۇشىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ. پەقەت مەلۇم بىر ياكى بىر قانچە تەرەپنىڭ ئېلېمېنت سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىشى يېتەرلىك بولسا، ئۇ ئېھتىياجلىق بولغان ھەربىر ئېلېمېنت مەلۇم سەۋىيىگە يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزئارا بىر خىل ياخشى قۇرۇلما شەكىللىنىدۇ. شۇڭا، ئەقلىي قابىلىيەتنى تەربىيىلەپ يېتىلدۈرۈش مەسىلىسىدە، ئاددىي ھالدىلا مەلۇم بىر جەھەتتىلا تەربىيىلەشنى چىڭ تۇتماي، ئومۇميۈزلۈك تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئەقلىي قابىلىيەت دېگەن نېمە؟ | UyghurWiki | UyghurWiki