UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك رېفلېكسلىرى قايسىلار؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك رېفلېكسلىرى قايسىلار؟

نېمە ئۈچۈن نورمال بوۋاقلار تۇغۇلۇشى بىلەنلا بىر قاتار دەسلەپكى ئالاھىدە نېرۋا رېفلېكسلىرىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. مەسىلەن: ئوزۇقلىنىش رېفلېكىسى، ئېمىش رېفلېكىسى، قۇچاقلاش رېفلېكىسى، سىقىمداش رېفلېكىسى قاتارلىقلار. ئەگەر بوۋاقلار نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكىرىگە گىرىپتار بولغان بولسا بۇ رېفلېكىسلار ئاجىزلايدۇ ياكى يوقايدۇ. شۇڭا بۇ خىل رېفلېكىسىلارنىڭ ئاجىزلىشى ياكى يوقاپ كېتىشى بوۋاقلاردا نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكى كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئوكسىگېن كەملىك قان ئازلىق خاراكتېرلىك مېڭە كېسەللىكى، باش، مېڭە زەخىملىنىش، باش سۆڭىكى ئىچى قاناش، مېڭىگە سۇ يىغىلىش قاتارلىقلار.
← بارلىق تېمىلار نەمە