ھامىلىدار ئاياللار تەييارلانغان دورىلارنى ئىشلەتكەندەنېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ئوخشاش بولمىغان دورىلار ۋە ئوخشاش بولمىغان دورىلارنى ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ ھامىلىگە بولغان تەسىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. دورىلارنىڭ ھامىلىگە بولغان تەسىرىدە — ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىقنىڭ قايسى مەزگىلى ئىكەنلىكىگە قاراپ قانداق دورا ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى بەلگىلىسە بولىدۇ. ھامىلىدار بولۇپ تۆت ھەپتىدىن سەككىز ھەپتىگىچە بولغان بۇ باسقۇچتا بەك دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى بۇ باسقۇچتا ھامىلىنىڭ خىلمۇخىل ئەزالىرى پەيدا بولۇپ، پارچىلىنىۋاتقان ۋاقتى، ھامىلىدار بولغانلار، ئادەتتە بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ. ھەيز نورمالسىز كىشىلەر بەلكىم ئۆزىنىڭ ھەيزى يەنە نورمالسىز كەلدى دەپ قارايدۇ، شۇڭا ھامىلىدار بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بار ئاياللار ئىنتايىن دىققەت قىلسا بولىدۇ. بولۇپمۇ تۇخۇم ئاجرىتىلغاندىن كېيىن، دورىلارنى ئىشلەتكەندە ئالاھىدە ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك. ھامىلىدار بولۇپ سەككىز ھەپتىدىن 15 ھەپتىگىچە بولغاندا، دورىلارنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى نىسبەتەن ئاز بولىدۇ، بىراق يەنىلا جىنسىي ئەزا قاتارلىق ئەزالارنىڭ نورمالسىزلىقىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. 15 ھەپتە بولغاندىن كېيىن ھېچقانداق غەيرىي تەسىرى بولمايدۇ، بىراق ئورگانىزمنىڭ ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە تەسىرى بولۇپ، پۈتۈنلەي ساقلىنىش تەس. مەسىلەن، بەزى دورىلار تۇغما پاڭ ياكى ئومۇرتقىنىڭ ئۆسۈشى نورمالسىز بولۇش قاتارلىق كېسەللەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بىراق، ئەگەر راكقا قارشى دورا، ئاغرىققا قارشى تۇرۇش دورىسى قاتارلىقلارنى ئىشلەتكەندە قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك.