تارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
تارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى قىسقارتىلىپ يۇقۇملۇق مېڭە كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مېڭە پەردە ياللۇغى شارچىسىمان باكتېرىيە قوزغىغان يىرىڭلىق مېڭە پەردە ياللۇغى بولۇپ، يىرىڭلىق مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى جەريانىدا قوزغىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، يۇقۇملۇق كېسەل تىپىغا كىرىدۇ. كىشىلەر بۇ خىل كېسەلگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تونۇشقا ئىگە بولۇشى كېرەك، ھەرقانداق ياشتىكى كىشىلەر بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن، تۇغۇلۇپ ئىككى - ئۈچ ئايلىق بولغاندىن باشلاپ تاكى ئىككى ياشقا كىرگۈچە بولغان ۋاقىت كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ۋاقىت بولۇپ، كېيىن يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى بارغانسېرى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا ئانا تېنى ئارقىلىق ئېلىپ كېلىنگەن باكتېرىيىگە قارشى تۇرغۇچى ماددىلار كۆپ بولغاچقا، بۇ خىل كېسەللىك ئاز كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل كېسەلنىڭ يۇقۇملىنىش مەنبەسى مۇشۇ ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرگۈچى ۋە يۇقۇملانغان بىماردىن ئىبارەت، بىمار كېسەللىكنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلىدىن باشلاپ تاكى پەيدا بولغۇچە بولغان ئون كۈن ئىچىدە يۇقۇملىنىدۇ. كېسەللىك سەۋەبىنى پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيىلەر بىماردا ياكى باكتېرىيىنى ئېلىپ يۈرگۈچىنىڭ بۇرۇن بوشلۇقىدا تۇرۇپ، ھاۋا بوشلۇقى ئارقىلىق يۇقۇملاندۇرىدۇ.شۇنداقلا بىللە ئۇخلاش، قۇچاقلاش، ئېمىتىش، سۆيۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا ئاسانلا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل كېسەل كۆپىنچە قىش ۋە باھار پەسلىدە كۆپ كۆرۈلۈپ، ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە تارقىلىشى تۆۋەنلەيدۇ.