يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىندىك بېغى قاچانچۈشۈپ كېتىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
كىندىك ئانىنىڭ ھامىلىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشتە ھەم ھامىلە كېرەكسىز نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىشتە چوقۇم ئۆتىدىغان يول. نورمال ئەھۋالدا، كىندىك بېغى تۇغۇلۇپ 24 ~ 48 سائەتتە تەبىئىي ھالدا قورۇلۇپ ئۈچ كۈندىن تۆت كۈنگىچە تۆكۈلۈشكە باشلايدۇ، 10 ~ 15 كۈندە ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىندىك بېغى باغلىۋېتىلگەندىن كېيىن كىندىك ئويمىنى يارا يۈزى تومۇرى تولۇق ئېتىلمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىندىك ئورنىغا ئاسان سۇ يىغىلىپ، ئاسانلىقچە قۇرۇمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، كېسەللىك باكتېرىيىلىرى ئاسانلا كۆپىيىپ يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا سېپتىتسېمىيىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ كىندىكىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش، كىندىك قىسمىنىڭ پاكىز، قۇرۇق ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش، چوڭ - كىچىك تەرەت بىلەن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كىندىك تۆكۈلۈشتىن بۇرۇن قۇرۇقلۇقنى ساقلاش، پۈتۈن بەدەنلىك يۇماسلىق، ھەر كۈنى 75% لىك ئىسپىرتلىق پاختىدا كىندىك تۈۋىنى سۈرتۈپ تۇرۇش، كىندىك بېغى چۈشۈپ بولغاندىمۇ بەلكىم كىندىكتە ئاجرالمىلار بولۇشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا ئىسپىرت بىلەن دائىم دېزىنفېكسىيىلەپ تۇرۇش ياكى ئىككى پىرسەنتلىك گېنتىئانا سۆسۈنىسى سۈرۈپ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قاقاچ باغلىغاندىن كېيىن قاقاچنى چىقىرىۋېتىپ، تېگىنى تۈپتىن پاكىز تازىلىۋېتىش كېرەك. كىندىك قىسمىغا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىسسىقلىق ئۇپىلىرى قاتارلىقلارنى سۈرۈشكە بولمايدۇ. يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلگەن ھامان ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ داۋالاش كېرەك.