مېڭە پارالىچ كېسىلىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
مېڭە پارالىچ كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. ھامىلىدارلىق تەييارلىقىنى ئوبدان قىلىش شۇنداقلا ھامىلىدار بولۇشتىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى يەلتاشما ئەملەش ئوكۇلىنى ئۇرغۇزۇش كېرەك.
2. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ساغلاملىق خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇقنى يېتەرلىك تولۇقلاپ، بالدۇر تۇغۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دورا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش، قەرەللىك ھالدا تەكشۈرتۈش، ئەگەر يۇقىرى قان بېسىم، قەنت سىيىش كېسىلى بايقالسا، دەرھال ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك.
3. بىخەتەر تۇغۇش. تۇغۇتتىن بۇرۇن ياخشى تۇغۇت مۇھىتىنى تاللاپ، بىخەتەر تۇغۇش تەييارلىقىنى ئوبدان ئىشلەپ، تۇغۇتى كېيىن بولۇش، تۇغۇتتا يارىلىنىش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك.
4. بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن بالدۇر تۇغۇلغانلار، تېخى تولۇق يېتىلمەي تۇرۇپ تۇغۇلغانلار، كېيىن تۇغۇلغانلار، زىيادە چوڭ تۇغۇلغانلار ياكى سېرىقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا قارىتا قوغداش ۋە ئاسراشنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا زۆرۈر بولغان بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش كېرەك. مەسىلەن: ئوكسىگېن سۈمۈرتۈش، نەملىك ساقلاش ساندۇقىغا ئەكىرىش قاتارلىقلار. مېڭە پارالىچىنىڭ خەتەرلىك ئامىلى ساقلانغان بالىلارنى داۋالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ دوختۇر داۋاملىق يوقلاپ، قەرەللىك ھالدا قېنىنى سۈزۈپ تەكشۈرۈش كېرەك