UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتۇغۇت ئالدىدىكى تۇغۇتلۇق ئاياللار چوڭ تەرەتتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

تۇغۇت ئالدىدىكى تۇغۇتلۇق ئاياللار چوڭ تەرەتتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ھامىلىدارلىق مەزگىلىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا، ئەگەر بالىياتقۇ تارىيىپ، چوڭ تەرەت كېلىدىغاندەك تەسىر بولسا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئالغاندىن كېيىن، بىر ئادەمنىڭ ھەمراھلىقىدا چوڭ تەرەت قىلىش. زوڭزايغان ۋاقىت ئۇزىراپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا بالىياتقۇ بوينى ئىششىپ كېتىدۇ. ئەگەر بالىياتقۇ ئېغىزى پۈتۈنلەي ئېچىلمىغان بولسا، تۇغۇتلۇق ئاياللاردا قايتا - قايتا چوڭ تەرەت كەلگەندەك تۇيغۇ بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا دوختۇر سەۋەبنى تەكشۈرۈپ، مەقئەتنىڭ غىدىقلىنىشى سەۋەبلىكمۇ ياكى بالىياتقۇ ئورنى توغرا ئەمەسمۇ تېپىپ چىقىش. بىراق قايسى خىل سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بالىياتقۇ ئاغزى تولۇق ئېچىلمىغان ۋاقىتتا بالدۇر نەپەس ئالماسلىق، زوڭزىيىپ ئولتۇرماسلىق كېرەك. بولمىسا بالىياتقۇ بوينى ئىششىپ، بالىياتقۇ بوينىنىڭ كېڭىيىشى ۋە تۇغۇت جەريانىغا تەسىر يېتىدۇ. ئەگەر بالىياتقۇ ئېغىزى ئېچىلىپ بولغان بولسا، تۇغۇتلۇق ئاياللار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بالىياتقۇ تارايغان ۋاقىتتا نەپەس ئالماي چوڭ تەرەت قىلغاندەك تۆۋەنگە كۈچىنىشى بۇ ۋاقىتتا تۇغۇتلۇق ئاياللار ھەرگىز ئۆزى كارىۋاتتىن چۈشۈپ، چوڭ تەرەت قىلماسلىقى، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
تۇغۇت ئالدىدىكى تۇغۇتلۇق ئاياللار چوڭ تەرەتتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki