UyghurWiki
UyghurWikiنەمەراخىتلىق كالتسىي تۆۋەنلىكتىن تارتىشىش دېگەننېمە؟

راخىتلىق كالتسىي تۆۋەنلىكتىن تارتىشىش دېگەننېمە؟

نېمە ئۈچۈن راخىتلىق كالتسىي تۆۋەنلىكتىن تارتىشىش يەنە ۋىتامىن D كەملىك خاراكتېرلىك پۇت - قولى تارتىشىش كېسىلى دېيىلىپ، ۋىتامىن D كەملىك، قاندىكى كالتسىي ئىئونىنىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەنلەش، نېرۋا، مۇسكۇللارنىڭ غىدىقلىنىشى ئارتىشتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئاساسلىق ئىپادىسى: 1. تارتىشىش (دۆلىنىش). ئىپادىسى: تۇيۇقسىز پۇت - قولى تارتىشىپ قېلىش، ئىككى كۆزى ئۈستىگە قايرىلىش، ئەس - ھوشىنى يوقىتىش، نەچچە سېكۇنت ياكى نەچچە مىنۇتقىچە داۋاملىشىدۇ. تۇتۇشتىن توختىغاندىن كېيىن ئەس - ھوشى ئەسلىگە كېلىپ روھى چۈشكۈنلىشىپ ئۇخلاپ قالىدۇ. ئويغانغاندىن كېيىن ھەممە خۇددى ئىلگىرىكىدەك بولىدۇ، تۇتۇش قېتىم سانى كۈندە بىر قېتىمىدىن ھەر كۈنى تۇتۇش قېتىم سانى ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەتتە قىزىش بىللە كەلمەيدۇ، بۇ ئالامەت ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ. 2. پۇت - قول تارتىشىپ قېلىش. ئىپادىسى: تۇيۇقسىز تۇتۇپ پۇت - قول يا شەكلىدە سپازمىلىنىپ، بىر جۈپ قول بېغىشى قايرىلىپ، بارماقلىرى تۈزلىنىدۇ. باش بارمىقى ئىچىگە ئىگىلىدۇ، پۇت بېغىشى تۈزلىنىپ پۇت بارماقلىرى تۆۋەنگە ئىگىلىدۇ. 3. كېكىردەك سپازمىلىنىش. بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئىپادىسى: كېكىردەك مۇسكۇل ۋە ئاۋاز قاپقىقى تۇيۇقسىز سپازمىلىنىپ، نەپەسلىنىش قىيىنلىشىدۇ ئېغىر بولغاندا تۇنجۇقۇشتىن ئۆلۈپ كېتىش كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر بوۋاق بالىلاردا تۇيۇقسىز تارتىشىش بولۇپ قىزىش بولمىسا ھەمدە دائىم قايتا - قايتا تۇتسا، تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن ھەممە نورمال ھالىتىگە قايتسا، بوۋاقنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان - بولمىغانلىقىنى ئويلىشىپ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە