UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئايروپىلاننىڭ ئېگىز ئۇچۇشى نېمە تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ؟

ئايروپىلاننىڭ ئېگىز ئۇچۇشى نېمە تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى كۆپ خىل ئامىللارغا باغلىق، لېكىن ئاساسلىقى ئايروپىلاننىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئەنئەنىۋى ھەربىي ئايروپىلان ۋە خەلق ئاۋىئاتسىيسىدە ئىشلىتىلىدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانى ئادەتتە قانچە ئېگىز ئۇچسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ. ئۇرۇش ئايروپىلانى ھاۋادا ئۇرۇش قىلغاندا، ئەگەر دۈشمەن ئايروپىلانىدىن ئېگىز ئۇچسا، ئېگىزدە تۇرۇپ دۈشمەن ئايروپىلانىدىن ئېگىز ئۇچسا، ئېگىزدە تۇرۇپ دۈشمەن ئايروپىلانىغا زەربە بېرەلەيدۇ. بومباردىمانچى ئايروپىلان ۋە رازېدكا ئايروپىلانلىرى ئۇچۇش جەريانىدا قانچە ئېگىز ئۇچسا، دۈشمەن ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇمى ۋە يەر يۈزىدىكى ئوت كۈچىدىن ساقلىنالايدۇ. يۇقىرى بوشلۇقتا ئۇچقاندا، ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچى كىچىك، ھاۋا ئېقىمى نىسبەتەن تۇراقلىق بولۇپ، ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار ئازراق سىلكىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق ئاۋىئاتسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىمۇ نىسبەتەن ئېگىز ئۇچىدۇ. بىراق، ھازىرقى زامان بوشلۇقتىن مۇداپىئەلىنىش تېخنىكىسى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بولغاچقا، ئېگىز ئۇچىدىغان ئايروپىلانلار ئەكسىچە رادار تەرىپىدىن ئاسانلا بايقىلىپ قېلىپ، دۈشمەن تەرەپ ئاسانلا ئېتىپ چۈشۈرۋالىدۇ. شۇڭا، تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچىدىغان بومباردىمانچى ئايروپىلان، تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچىدىغان رازۋېدكا ئايروپىلانلىرىغا ئوخشاش ھەربىي ئايروپىلانلار بەختكە يارىشا ساق قالىدۇ. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن يۇقىرى بوشلۇقتا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلار ئاسانلا رادار تەرىپىدىن بايقىلىپ قالىدۇ؟ چۈنكى رادار ئېلېكتر دولقۇنى تۈز سىزىق بويىچە تارقىلىدىغان، پەقەت قايماسلىقتەك بىر تۈپ ئالاھىدىلىككە ئىگە. يەر شارىنىڭ سىرتقى يۈزى شار شەكلىدە بولغاچقا، تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچقان ئايروپىلان مۇئەييەن ئارىلىقنىڭ سىرتىدا رادار دولقۇنى تەرىپىدىن سېزىلىپ قالمايدۇ. بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا تەييارلىق قىلغاندا، <تۆۋەن بوشلۇقتا تۇيۇقسىز زەربە بېرىش> جەڭ تېخنىكىسىنى قوللانماقتا. يەر يۈزىگە يېقىنلىشىپ تۇرۇپمۇ تېز سۈرئەتتە ئۇچالايدىغان بۇنداق ئايروپىلان يۇقىرى پەن - تېخنىكىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، دېھقانچىلىق دورىسى چېچىش، ئورمانلىققا تۇتىشىپ كەتكەن ئوتنى ئۆچۈرۈشتىمۇ دېھقانچىلىقتا، ئورمان مۇھاپىزىتىدە ئىشلىتىلىدىغان تۆۋەن بوشلۇقتا ئاستا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلار ئىشلىتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە