بالىنى ئەمچەكتىن ئايرىغاندىن كېيىن مېۋىلەرنى كۆكتاتنىڭ ئورنىدا ئىشلەتسە بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بەزى بالىلار كۆكتات يېيىشنى ياقتۇرمايدۇ، چوڭ تەرىتىمۇ بىر ئاز قۇرغاق بولىدۇ. ئاتا - ئانىلار بۇنى بايقىغاندىن كېيىن مېۋىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن مول دەپ، كۆكتاتنىڭ ئورنىدا بالىغا بېرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ۋىتامىن تولۇقلاپ، قەۋزىيەتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ، بىراق ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. مېۋە كۆكتاتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، كۆكتاتتا بولۇپمۇ يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتنىڭ تەركىبىدە يالغۇز مول ۋىتامىنلار بولۇپلا قالماي، مىنېرال ماددىلار ۋە ۋىتامىننىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يەنە مول ئۆسۈملۈك تالالىرى بولۇپ، بالىنىڭ ئاشقازان، ئۈچەيلىرىنىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ تەرەتنى راۋان قىلىدۇ، بالىنىڭ قەۋزىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.