UyghurWiki
UyghurWikiنەمەدەستىلىك بومبا دېگەن نېمە؟

دەستىلىك بومبا دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن دەستىلىك بومبا ئەمەلىيەتتە بىر خىل <چاچما بومبا> بولۇپ، بىر دانە چوڭ تىپتىكى بومبا ساندۇقىغا نۇرغۇن ئۇششاق بومبىلار قاچىلاقلىق بولىدۇ. پارتىلىغاندا، بومبا ساقدۇقىدىكى ئۇششاق بومبىلار ئەتراپقا ئېتىلىپ چىقىدۇ ھەمدە ئون نەچچە مىڭ پارچە يۇقىرى سۈرئەتلىك بومبا پارچىلىرىنى ھاسىل قىلىپ، ئۆلتۈرۈش، زەخىملەندۈرۈش دائىرىسىنى بىر نەچچە ھەسسە كېڭەيتىدۇ، پارتىلىتىش كۈچىنىمۇ زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ. دەستىلىك بومبا ئادەتتە تانكىلار توپى، فلوت، ئايروپورت قاتارلىقلارغا ئوخشاش كەڭ كۆلەملىك نىشانلارنى بومباردىمان قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، بىر دانە <تاشتېشەر> دەستىلىك بومبىنىڭ ئىچىدە 247 دەنە كىچىك تىپتىكى تانكىغا قارشى بومبا بولۇپ، 200 مىلىمېتىردىن ئارتۇق قېلىنلىقتىكى تانكا برونېسىنى تېشىپ ئۆتەلەيدۇ. ئۇنى ئايروپىلاندىن تاشلىغاندا، ھاۋا بوشلۇقىدا دىئامېتىرى نەچچە ئون مېتىر كېلىدىغان چەمبەرسىمان دائىرە ھاسىل قىلىدۇ ھەم 1000 كۋادرات مېتىر دائىرىدىكى تانكىلارنىڭ ھەممىسىنى پاچاقلاپ تاشلىيالايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، زىچ جايلاشقان كەڭ كۆلەملىك نىشانلارغا تاقابىل تۇرۇشتا، دەستىلىك بومبىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئۈنۈمى <پارچە - پۇرات زەربە بېرىش> شەكلىدىكى ئادەتتىكى بومبىلارغا قارىغاندا كۆپ ياخشى بولىدۇ. دەستىلىك بومبىنىڭ يەنە بىر گەۋدىلىك ئىقتدارى شۇكى، ئۇ ئايروپورتلارنىڭ ئايروپىلان ئۇچۇش - قونوش يولىغا ھۇجۇم قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ئۇچۇش - قونۇش يولىغا قارشى بومبا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنداق دەستىلىك بومبىلارغا ئادەتتە نەچچە ئون دانە چاچما بومبىلار يۇقىرى سۈرئەتتە ئايروپىلان ئۇچۇش - قونۇش يولىغا ئېتىلىدۇ ھەمدە يەرنى نەچچە ئون سانتېمىتىر تېشىپ كىرگەندىن كېيىن پارتلايدۇ. دەستىلىك بومبىنىڭ كەڭ كۆلەملىك بومباردىمان قىلىشى ئارقىسىدا، ئايروپورتنىڭ تەكشى بولغان ئۇچۇش - قونۇش يولى بىراقلا ئوڭغۇل - دوڭغۇل بولۇپ، ئايروپىلانلار ئۇچۇش - قونۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. ھازىرقى ئۇچۇش - قونۇش يولىغا قارشى دەستىلىك بومبىلارغا يەنە ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق ئەگىشىش قۇرۇلمىسى ۋە ۋاقىت كېچىكتۈرۈش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، بومباردىمان قىلىش ۋە ۋەيران قىلىش ئۈنۈمى يەنىمۇ ئاشۇرۇلغان.
← بارلىق تېمىلار نەمە