UyghurWiki
UyghurWikiنەمەسېمىز بالىلاردا قانداق مەسىلە بولىدۇ؟

سېمىز بالىلاردا قانداق مەسىلە بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئەھۋاللار بولمىسا، ئۇنداقتا سېمىزلىك ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بولۇپ قالدى. جەمئىيەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سەمرىپ كېتىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەردىن بىرى. كىشىلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، <پاراغەت> كېسىلىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى. تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولغىنى سېمىزلەرنىڭ يېشى بارغانسېرى كىچىكلەپ كېتىۋاتىدۇ، ئىلگىرىكى كۆزقاراش بويىچە، سېمىز بالىلار ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرۈپ، ئىچىنى كۆيدۈرەتتى. كىمنىڭ بالىسى سېمىز بولسا، شۇ بالا ياخشى بېقىلغان بولاتتى. بىراق ھازىر كىشىلەرنىڭ سېمىزلىككە بولغان كۆزقاراشلىرىمۇ بارغانسېرى ئوبيېكتلىشىپ، <سېمىزلىك گۈزەللىك> دەيدىغانغا ئىنتىلمەيدىغان بولۇپ قالدى. ھازىر سېمىز بالىلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، بۇمۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ بىرخىل ئىپادىسى. بالا سېمىز بولسا ئېغىرلىقى ئوخشاش ياشتىكىلەردىن ئېشىپ كېتىدۇ. بىراق، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش بىلەن سېمىزلىك ئوخشاش ئەمەس. ئۇستىخىنى كىچىك، مۇسكۇللىرى ئاز بولغان بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولىدۇ، بىراق ئۇلار سېمىزگە مەنسۇپ. ئۇستىخىنى چوڭ، مۇسكۇل گۆشلىرى كۆپ، بەدەن ئېغىرلىقى نورماللىقىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. بىراق سېمىز ھېسابلانمايد.
← بارلىق تېمىلار نەمە