UyghurWiki
UyghurWikiنەمەراست مېۋە ۋەيالغان مېۋە دېگەن نېمە؟

راست مېۋە ۋەيالغان مېۋە دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن بىز بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن مېۋىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى. ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندىن كېيىن چېچەكلەپ مېۋە بېرىدۇ. گۈلنىڭ ئانىلىقى ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدا روشەن ئۆزگىرىش بولىدۇ. گۈل كاسىسى، گۈل تاجىسى، ئاتىلىقى ۋە ئانىلىق تۇمشۇقى، ئانىلىق بوينى قاتارلىقلار تۆكۈلۈپ، گۈل تۈگۈنچىكىلا قېلىپ قالىدۇ. ئارقىدىنلا گۈل تۈگۈنچىكى ئىچىدىكى تۆرەلمە تۈگۈنى تەرەققىي قىلىپ ئۇرۇققا ئايلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتاگۈل تۈگۈنچىكىمۇ چوڭىيىپ تەرەققىي قىلىپ راست مېۋىگە ئايلىنىدۇ. بوتانىكىدا، گۈل تۈگۈنچىكىنىڭ تەرەققىي قىلىپ يېتىلىشىدىن شەكىللەنگەن مېۋە راست مېۋە (ھەقىقىي مېۋە) دېيىلىدۇ، مەسىلەن، شاپتۇل، قارىئۆرۈك، ئالۇچا، ئۆرۈك قاتارلىقلار. بۇ خىل مېۋىلەرنى يېرىپ ئىككىگە بۆلگەندە شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ سىرتقى يۈزىدە بىر قەۋەت نېپىز پوستى بولۇپ، ئۇ سىرتقى مېۋە پوستى (مېۋە شۆپۈكى) دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئوتتۇرىسىدىكى قېلىن ھەم شىرنىلىك كەلگەن مېۋە ئېتى ئوتتۇرا پوستى دېيىلىدۇ؛ ئىچىدە بىر تال قاتتىق يادروسى بولۇپ، ئۇ ئىچكى مېۋە پوستى دېيىلىدۇ. يادروسىنىڭ ئىچىدىكى مېغىزى مېۋىنىڭ ئۇرۇقىدۇر. ئەگەر ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسىۇ ئانىلىقتىكى گۈل تەگلىكى، گۈل يېپىنچىسى قاتارلىقلارنىڭ گۈل تۈگۈنچىكى بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلىپ يېتىلىشىدىن شەكىللەنگەن بولسا، بۇ يالغان مېۋە دەپ ئاتىلىدۇ. ئالما بىلەن نەشپۈتنىڭ مېۋىسى يالغان مېۋە دەپ ئاتىلىدۇ. ئالما بىلەن نەشپۈتنىڭ مېۋىسى يالغان مېۋە ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ مېۋە ئېتى گۈل تەگلىكى، ئانىلىقى ۋە گۈل يېپىنچىسىنىڭ ئاستى قىسمىنىڭ تەڭ يېتىلىشىدىن شەكىللەنگەن. يەنە بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىسى بىلەن ئۇرۇقىنى ئاسانلا ئارىلاشتۇرۇپ قويىمىز. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئاپتاپپەرەسنىڭ دانىچىسىنى ئۇرۇقى دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ گۈل تۈگۈنچىسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ يېتىلىشىدىن شەكىللەنگەن مېۋە بولۇپ، بىز يەيدىغان مېغىزى - ئۇرۇقى، تۈكۈرۈۋېتىدىغان شاكىلى بولسا مېۋىسى ھېسابلىنىدۇ. دېھقانلار شال، بۇغداي دېنى، كۆممىقوناق قاتارلىقلارنى ئۇرۇق دەپ ئاتايدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ <ئۇرۇق> لارنىڭ ھەممىسى گۈل تۈگۈنچىكىنىڭ تەرەققىي قىلىپ يېتىلىشىدىن شەكىللەنگەن راست مېۋە بولۇپ، بوتانىكىدا پوستلۇق مېۋە دەپ ئاتىلىدۇ. گىنكو يەنە ئاق مېۋە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. لېكىن ئۇ ھەقىقىي ئۇرۇق ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇرۇق كۆتىكى يېپىنچىسىنىڭ بۆلۈنىشىدىن شەكىللەنگەن. بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار ناھايىتى كۆپ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
راست مېۋە ۋەيالغان مېۋە دېگەن نېمە؟ | UyghurWiki | UyghurWiki