تاماق ۋاقتىدا بالىلار ئۈچۈن قانداق ياخشى مۇھىت ھازىرلاش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلارغا خۇشال - خۇرام كەيپىيات ئىچىدە تاماق يېيىش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىلسە، ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرىنىڭ ئاجرىتىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىمۇ ياخشى بولىدۇ. تاماقتىن چىقىش، تاماق تاللاش ئادىتى پەيدا بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا - ئانىلار تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتە تىرىشىشى كېرەك:
1. تاماقتىن بۇرۇن خۇشال - خۇرام ۋە تىنچ بولغان كەيپىياتنى ساقلاپ، بالىلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يېتىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق كېرەك. مەسىلەن: تاماقتىن بۇرۇن بالىلارنىڭ زىيادە ئوينىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق، ئەگەر بالىلار بىر ئاز چارچاپ كەتكەن بولسا، ئاۋۋال ئازراق ئارام ئېلىۋېلىپ، ئاندىن تاماق يېسە بولىدۇ.
2. تاماق ۋاقتىدا ھەرگىز بالىلارنى ئەيىبلىمەسلىك ھەم كۆڭۈلسىز ئىشلارنى تىلغا ئالماسلىق كېرەك. بولمىسا بۇ خىل ناچار كەيپىيات بالىلارغىمۇ يۇقىدۇ.
3. ئاتا - ئانىلار مەقسەتلىك ھالدا <خۇشال - خۇرام> كەيپىياتنى شەكىللەندۈرمەسلىكى كېرەك، تاماق ۋاقتىدا بالىلارنى كۈلدۈرۈۋەتسە، بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرىنىڭ ئاجرىتىلىشىنى ئازلىتىپلا قالماستىن، ئىشتىھاغىمۇ تەسىر يېتىدۇ، شۇنداقلا يېمەكلىكنىڭ بالىلارنىڭ نەپەس يولىغا كىرىپ كېتىشىدەك كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
4. ئەگەر بالىلاردا ئاللىقاچان تاماق تاللاش، تاماقتىن بىزار بولۇش ئادىتى بولسا تاماق ۋاقتىدا قاتتىق چۆچۈپ كەتمەي، سوغۇق قان، تەبىئىي بولۇش، تەربىيە ئېلىپ بېرىش، تاماق قۇرۇلمىسى جەھەتتىن مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، تاماق ۋاقتىدا بالىلارنىڭ بىر قىسىم ياخشى ئىش - ھەرىكەتلىرىنى ماختىسىمۇ، بالىلارنىڭ تاماق يېيىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىغىلى بولىدۇ.