UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن بالىلار تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، چىشى قۇرتلاپ كېتىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالىلار تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، چىشى قۇرتلاپ كېتىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بۇنىڭ سەۋەبى تاتلىق يېمەكلىكلەردە كۆپ مىقداردىكى قومۇش شېكىرى بولۇپ، قومۇش شېكىرى ناھايىتى ئوڭايلا بالىلارنىڭ چىشىغا چاپلىشىپ قالىدۇ. شېكەرنىڭ يېپىشقاقلىقى بىر قەدەر يۇقىرى، تازىلىماق بىر ئاز تەس، شۇڭا، باكتېرىيىنىڭ يېتىلىشى ۋە كۆپىيىشىگە پايدىلىق، شۇنداقلا بۇ خىل شېكەرلەر باكتېرىيىنىڭ رولى بىلەن ناھايىتى تېزلا كىسلاتاغا ئايلىنىدۇ. بالىلارنىڭ سۈت چىشى ئەمدىلا چىققان، تېخى تولۇق يېتىلمىگەن، كالتسىيلىق دەرىجىسى تۆۋەن، كىسلاتالىقى ناچار بولۇپ، ئوڭايلا قۇرت چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنىڭ سۈت چىشىنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى، قېلىنلىقى ئىككى مىللىلىتىر ئەتراپىدا بولۇپ، چىش ئوڭايلا كاماك بولۇپ قالىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، چىشىدا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش يۈز بەرسە، چىش ئاغرىقىنىڭ ئاغرىق سۈرئىتى چوڭلارنىڭكىدىن تېز بولىدۇ. شۇڭا، بالىلارنىڭ چىشى قۇرتلاپ، ئاغرىپ كەتسە، چوقۇم ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن بالىلار تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، چىشى قۇرتلاپ كېتىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki