نېمە ئۈچۈن ئوغۇل بالىلارمۇ قونچاققا ئامراق بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
نۇرغۇنلىغان ئاتا - ئانىلار قونچاق ئويناش قىز بالىلارنىڭ ئىشى دەپ قارىشىدۇ، شۇڭا ئوغۇل بالىلارنىڭ قونچاق كۆتۈرۈۋالغانلىقىنى كۆرگەندە قاتتىق چۆچۈپ كېتىدۇ ھەم بالىغا قونچاقنى بەرمەي، بالا قونچاق ئوينىسا بالىنىڭ خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، كەلگۈسىدە ياراملىق <يىگىت> بولالماي قالىدۇ دەپ ئويلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئەنسىرەش ئارتۇقچە. يۇمشاق، ئوماق قونچاقنى مەيلى ئوغۇل بالىلار بولسۇن، مەيلى قىز بالىلار بولسۇن ھەممىسى ئويناشقا ئامراق. ئۇلار قونچاقنى كۆتۈرۈۋېلىپ ئويناشقا ئامراق، گاھىدا قونچاققا تاماق بېرىدۇ، ئەللەي ئېيتىپ ئۇخلىتىپ قويىدۇ. بەزىدە يەنە توختىماستىن قونچاق بىلەن پاراڭلىشىدۇ، بالىلارنىڭ بۇنداق قىلغىنى ئاساسەن دېگۈدەك چوڭلارنى دوراش ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ. چۈنكى ئاتا - ئانىسى دائىم ئۆزىگە شۇنداق قىلغاچقا ۋە بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ، راھەت ھېس قىلغاچقا، چوڭلاردىن دوراپ قونچاقتىن خەۋەر ئالىدۇ، ئوغۇل بالىلارنىڭ بۇنداق قىلىشى نورمال ھادىسە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ قەلبىدە مېھرى - مۇھەببەت ئويغانغانلىقنىڭ ئىپادىسى. بولۇپمۇ ھازىر نۇرغۇنلىغان بالىلار يالغۇز پەرزەنت بولۇپ، بۇنداق پەزىلەتنىڭ پەيدا بولۇشى ناھايىتى ياخشى ئىش.