ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش دېگىنىمىز، ۋاكسىنىنى ئوكۇل قىلىش ياكى يېگۈزۈش ئۇسۇلى بىلەن بەدەنگە كىرگۈزۈپ، بەدەندە ئالاھىدە ئىممۇنىتېت كۈچى ھاسىل قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تارقىلىشچان كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يېتىشنى كۆرسىتىدۇ. بەدەن ۋاكسىنا بىلەن تۇنجى ئۇچراشقىنىدا، ئۆزىدىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بۇ ۋاكسىنىلارنىڭ غىدىقلىشى بىلەن ئاكتىپلىشىپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىغا ئىگە ئىممۇنىتېتلىق ئاكتىپلاشقان ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، بەدەن يەنە بىر قېتىم مۇشۇ كېسەللەندۈرگۈچى باكتېرىيىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا بۇ ئىممۇنىتېتلىق ئاكتىپلاشقان ماددىلار رول ئويناپ، كېسەللەندۈرگۈچ باكتېرىيىلەرنىڭ بەدەنگە زىيان يەتكۈزۈشىنى توسۇپ قېلىش ئارقىلىق مۇناسىپ يۇقۇملۇق كېسەللەر بىلەن كېسەللەنمەسلىك مەقسىتىگە يېتىدۇ.